ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا ھامىلدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن خۇلاسە

ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا ھامىلدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-03-20 ئاۋاتلىقى: 598 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا ھامىلدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن خۇلاسە

. بەدەن ئېغىرلىقى:  بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ.
. جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى:  جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ.
. پات ـ پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش: دائىم سۈيدۈك قىستايدۇ، سۈيدۈك پاكىز بولمىغاندەك تۇيۇلىدۇ.
. قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت: قەۋزىيەت ئەھۋالى ئىنتايىن روشەن كۆرۈلىدۇ.
. نەپەسلىنىش ئەھۋالى: بالىياتقۇسى تۆۋەنلەپ، ئاشقازانغا بولغان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، نەپەسلىنىشى ئاسانلىشىدۇ.
. كۆكسىنىڭ ئۆزگىرىشى: سۈتنىڭ چىقىش مىقدارى كۆپىيىدۇ.
. سۇلۇق ئىششىق:  ھامىلدارنىڭ بۇ ۋاقىتتا  پۇت ـ قولىدا ئىششىق پەيدا بولىدۇ، شۇڭا سۇنىڭ ئىچىش مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك. سۇلۇق ئىششىق ئېغىر بولغان ھامىلدارلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
. ھامىلدارلىق ئىنكاسى:  بۇ ۋاقىتتا تەرتىپسىز كالتە تولغاق، ئىششىق، قان تومۇرلار كېڭىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، تۇغۇشتىن بۇرۇن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

.ھامىلدارنىڭ فىزولوگىيىلىك كۆرسەتمىسى: تۇغۇتنىڭ ئالدىدىكى جىددىيلىك، ئۇيقۇسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ھارغىنلىق ھەمدە ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىش قاتارلىق كەيپىياتلار بىرلىشىپ، ئاسانلا ئارىسالدى بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھامىلدار ئاياللار  بۇ ۋاقىتتا كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى، ياخشى بولغان روھىي ھالەتتە بوۋاقنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى ساقلىشى كېرەك.  
خۇلاسە: ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا ھامىلدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن روشەن بولۇپ، ھامىلدار  ئارام ئېلىشقا، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى