ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېزسۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاۋارىچىلىقلار

ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېزسۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاۋارىچىلىقلار

ۋاقتى: 2015-12-19 ئاۋاتلىقى: 834 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېزسۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاۋارىچىلىقلار 

 

1.ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك تېز بولۇپ كەتسە، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ 5-ئېيىدىن كېيىن، ئەگەر ھەر ئىككى ھەپتىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بىر كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتسە، ئاسانلا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولسا بىر خىل قان تومۇر كېسىلى، ھامىلدار ئانىلاردا يۇقىرى قان بېسىم، سۇلۇق ئىششىق، ئاقسىل سىيىش كېسىلى قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناچار بولۇش، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجراپ كېتىشى ھەتتە ھامىلىنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بەدەن ئېغىرلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.

2.قىيىن تۇغۇت. ئەگەر ئانا تاماقنى ھەددىدىن ئارتۇق يېسە، ھامىلە ئاسانلا يوغىناپ كېتىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن تەكشۈرگەندە ھامىلنىڭ ئېغىرلىقى4000 گرامدىن ئېشىپ كەتسە گىگانىت بوۋاق ھېسابلىندۇ. گىگانىت بوۋاقنىڭ بېشىنىڭ چوڭ-كچىكلىكى بىلەن داس سۆڭەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى توغرا كەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ تۇغۇت جەريانىدا ھامىلىنىڭ بېشىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ھامىلە بېشىنىڭ داس بوشلۇقىغا كىرىش بۇلۇڭىغا پايدىسىز، شۇڭا قىيىن تۇغۇت جەريانىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ، تۇغۇت جەرياننىڭ يۈرۈشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىيىن تۇغۇتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا-بالنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ «چوڭ» بوۋاق تۇغۇت يولىدىن ئۆتكەندە، ئاسانلا تۇغۇت يولنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلداردىن قان كۆپ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
ھامىلە يوغان بولسا، تەبئىي تۇغۇت جەريانى ئوڭۇشلۇق بولماسلىق، قيىن تۇغۇت قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇتتىن بۇرۇن ھامىلنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكنى بايقىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇشنى تاللايدۇ، ياكى تۇغۇت جەريانى تەسلەشكەندە ئوپراتسىيە قىلىشقا ئۆزگەرتىدۇ. گەرچە ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇش ناھايتى بىخەتەر ئوپراتسىيە بولسىمۇ، يەنىلا بىر قېتىملىق ئوپراتسىيە، بەلكىم ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

3.ھامىلدارلىقتىكى دىئابىت كېسىلى. دىئابىت كېسىلى گېنىنى ئېلىپ يۈرىدىغان ئانىلار ياكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىنىكاسى قاندىكى قەنىتنىڭ ئۇيۇشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەككە ئازراقلا دىققەت قىلمىغاندا قاندىكى قەنت مىقدارى تۈز سىزىق بويچە ئۆرلەپ، ھامىلدارلىقتىكى دىئابىت كېسىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنىڭ بىلەن گىگانىت بوۋاق، ھامىلنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قان قەنتىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.تۇغۇتتىن كېيىنكى سېمىزلىك. نورمال تۇغۇتتىن كېيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۇنچە تېز تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ بولالمايدۇ، بۇرۇنقىدىن 5-3 كىلوگرامغىچە ئېغىر ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلدە، ئانىنىڭ ئېغىرلىقى نورمال سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئۆلچەملىك بەدەن شەكلىگە قايتىشى ئىنتايىن تەس. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى