ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ 7 چوڭ ئۆلچىمى

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ 7 چوڭ ئۆلچىمى

ۋاقتى: 2016-07-06 ئاۋاتلىقى: 654 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ 7 چوڭ ئۆلچىمى


1.ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقنى ھېسابلاش
ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئېشىشى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئانىلار چوقوم ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقنى ھېسابلاپ چىقىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى تېغىمۇ مۇۋاپىق ھالدا كونترول قىلىدۇ.

2.ئېغىرلىقىنى كۈندە ئىككى قېتىم ئۆلچەش، بەدەن ئېغىرلىقنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگەللەش.
ھامىلدار ئانىلار ئېغىرلىقىنى ئىككى قېتىم ئۆلچىشى، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەندە بىر قېتىم، كەچتە بىر قېتىم ئۆلچەپ، ھەركۈنلۈك سانلارنى خاتىرلىۋىلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن كۈندە يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ سانىنىمۇ خاتىرلىۋېلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى تېغىمۇ ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

3.تاماقنى ئاساس قىلىش، مىقدارنى ئازايتىپ، قېتىمىنى كۆپەيتىش
بىر قىسىم ھامىلدار ئانىلار ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تاماقتىن ۋاز كېچىدۇ، ئۇلار تاماقنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارىنى كۆپ دەپ ئويلاپ، كۈندە ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىكلەر بىلەن قورسىقىنى تويغۇزىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش خاتا، بۇنداق بولسا تېغىمۇ ئاسانلا ئېغىرلىقنىڭ ئېششىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.

4.ساغلام ئوزۇقلىنىش، مايدا قورىغان يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك 
ھامىلدارلىقتىن كېيىن تەم سەزگۈسى ئۆزگەرگەچكە، مايدا قورىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئىنتاين ياخشى كۆرىدۇ، ھامىلدار ئانىلار بۇنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەك، مايدا قورىغان يېمەكلىكلەر زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك يېمەكلىكلەرگە تەۋە، ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن ئاسانلا مايغا ئۆزگىرىدۇ. 

5.ھەر كۈنى بىر سائەت پىيادە مېڭىش، چېنىقىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
پىيادە مېڭىش بولسا ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېنىرگىيە سەرپ قىلدىغان، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولغان ئۇسۇلدۇر، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتا ئىشتىھاسى ياخشى بولغان ئانىلار، چوقوم پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بىر كۈن ئالدىراش ئىشلىگەندىن كېيىن، پىيادە ئايلانسا چارچاشنى تۈگەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، ئېرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

6.ئۆزىنى قويۇۋىتىش، بېسىمنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك
تۇرمۇشتا بىر قىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالي بولماق تەس، شۇڭا ھامىلدار ئانىلار ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ناچار كەيپىياتنى ۋاقتىدا ئوڭشاشنى بىلىشى كېرەك. بېسىمنى ئاشۇرۋالماسلىقى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئەكسىچە ھامىلىگە زىيانلىق، شۇڭا ئانىلار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇلىنى تېپىشى كېرەك.

7.رېتىملىق تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بەك كەچ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك
رېتىملىق بولغان تۇرمۇش ئادىتى ئىنتايىن زۆرۈر، ئۆيدە ئارام ئالغان ۋاقىتتىمۇ كەچ يېتىپ، ۋاقچە تۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق بولمىغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ، بولۇپمۇ سىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىڭىز ئاسانلا بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالىڭىزنىڭ كەپسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ، بولمىسا سىزنىڭ كېيىنكى كۈنلرىڭىزنىڭ ئۆتمىكىمۇ تەس بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى