ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى

ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى

ۋاقتى: 2016-02-21 ئاۋاتلىقى: 765 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى

ناچار كەيپىياتنىڭ ھامىلىگە بولغان زىيىنى

مۇتەخەسسىسلەر ھامىلدارلىق دەۋرى  32 ـ 18 ھەپتە بولغان ھامىلدارلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە، روھى چۈشكۈن ۋە تەشۋىشلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھامىلدارلاردىن تۇغۇلغان بالىلاردا 4 ياش ئەتراپىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى خۇلق ۋە كەيپىيات مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، مەسىلەن ھاددىدىن زىيادە جانلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا 3 ـ 2  ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

بىرىنچى     ھامىلدارنىڭ تەشۋىشلىنىشى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى مىجەزىگە ـ خۇلقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ

ئەنگىلىيە روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى تەتقىقاتىدا دېيىشىچە، ھامىلدارنىڭ ھەددىدىن زىيادە تەشۋىشلىنىشى ھامىلىنىڭ خەۋپ ـ خەتىرىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىدىمۇ مىجەز ـ خاراكتېرىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

ئالىملار ھامىلدارلىقنىڭ 32 ـ 18 ھاپتىسىدىكى ھامىلدارلارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، روھى چۈشكۈن ۋە تەشۋىشلىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ھامىلدارلارنىڭ بالىلىرىدا 4 ياش ئەتىراپىدىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى خۇلق ۋە كەيپىيات مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، مەسىلەن ھەددىدىن زىيادە جانلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلىشى ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا 3 ـ 2  ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئالىملارنىڭ دىيىشىچە، روھى چۈشكۈن ۋە بىئارام كەيپىيات ھامىلدارنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، بۇ ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ تەرەقىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، بالىنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 

ئىككىنچى    روھىي زەربىنىڭ  ھامىلدارلىقنىڭ بېشىدىكى ئۈچ ئاي مەزگىلىدىكى ھامىلدارلارغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ

ئەنگىلىيە ئالىملىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 1994 ـ يىلىدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھامىلدارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ھامىلدارلىقنىڭ بېشىدىكى ئۈچ ئاي مەزگىلىدىكى ھامىلدارلارنىڭ ، ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ـ ئاخىر مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان ھامىلدارلار ۋە تۇغۇپ بولغان ئاياللارغا  سېلىشتۇرغاندا بەكرەك تەسىرگە ئۇچىراپ، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ھامىلدارلىقنىڭ بېشىدىكى ئۈچ ئاي مەزگىلدىكى ھامىلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاندىن كېيىن ھامىلدار بولۇپ 38 ـ ھەپتىسىدە تۇغۇشقا باشلىغان. ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا تۇرۇۋاتقان ھامىلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ھامىلدار بولۇپ 39 ـ ھەپتىسى تۇغۇشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكى، روھىي زەربىنىڭ  ھامىلدارلىقنىڭ بېشىدىكى ئۈچ ئاي مەزگىلىدىكى ھامىلدارلارغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، بۇ دەۋر ئىنتايىن ئاسان تەسىرگە ئۇچرايدىغان دەۋر.

ئۈچىنچى     ھامىلداردىكى روھىي جىددىيلىك ھامىلە قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئاۋىستىرالىيە ئالىملىرىنىڭ قويدا قىلغان تەجىربىسىدە، ھامىلدارنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى روھىي جىددىيچىلىكى قانچە ئاز ۋاقىت بولسىمۇ يەنىلا ھامىلىنىڭ قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشىنى ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
 ئالىملارنىڭ قارىشىچە، قوي ئۈستىدىكى بۇ بايقاش ئادەملەرنىڭكى بىلەن ئىنتايىن ئوخشايدىكەن، شۇڭا ھامىلىگە بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولۇپ، كېيىنكى تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ئالىملار يەنە ھامىلدارلارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەرقانداق دورا ۋە بەزى بىر يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن، ئامال بار  روھىي جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىراق، ئىرسىيەت روھىي جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى. يەنى روھىي جىددىيلىك ئوخشىمىغان ئادەمگە ئوخشىمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۆتىنچى      ھامىلداردىكى جىددىيلىكى ھامىلدارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ

دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاياللار ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدى ـ كەينىدە، كەيپىياتى دائىم جىددىي ھالەتتە بولسا، ھامىلدارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدىكەن.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كەيپىياتى ئۇزۇن مۇددەت جىددىيلىك ئىچىدە تۇرغان ھامىلدارلارنىڭ تېنى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ، تېنى ئاجىز ئادەملەرنىڭ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلايدۇ. چۈنكى بۇخىل كەيپىيات ئىممۇنىتېت كۈچىگە يامان تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېڭىدە بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە روھىي جىددىيلىكنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا مېڭە ئاستى بېزىمۇ غىدىقلاشقا ئۇچراپ، بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان گلۇكېكوتىكويد مىقدارىنى ئاشۇرۋېتىدۇ-دە، تەننىڭ قارشىلىقى تۆۋەنلەپ، ھامىلدارنىڭ كېسەللىككە بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەشىنچى    ھامىلدارلىققا بولغان پوزىتسىيە ھامىلىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەقىياتىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ

فىرانسىيە تېببىي پەن ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلدارنىڭ پسىخىكىلىق ھالىتىدە، ئۇلارنىڭ ھامىلىگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە روھىي بېسىمى ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئالىملارنىڭ مىڭلىغان ھامىلدارلارغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، تۇغۇشنى خالايدىغان ھامىلدارلارنىڭ بوۋىقى بىلەن تۇغۇشنى خالىمايدىغان ھامىلدارلارنىڭ بوۋىقىنى سېلىشتۇرغاندا،  مەيلى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تۇغۇلغان ۋاقىتتا ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىن بولسۇن، ئالدىنقىسىنىڭ كېيىنكىسىگە قارىغاندا ساغلاملىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، ئالدىنقىسىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، روھىي ھالىتى بىنورمال بالىلار كۆپ كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ تۇغۇشنى خالىمايدىغان ئاياللارنىڭ بالىسىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش، ئىنكاسى ئاستا ياكى تېنى ئاجىز بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

شۇڭلاشقا، ئالىملارنىڭ ھامىلدارلارغا بېرىدىغان تەكلىپى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولغان بوۋاق تۇغۇش ئۈچۈن، ھامىلىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى خوشال ۋە ئاكتىپ قىلىش، نارازىلىق ۋە رەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا ھامىلنىڭ  جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.

ئالتىنچى    ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك

دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىنىڭ ئىپادىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پىسخىكا ھالىتى ۋە كەيپىيات ئۆزگىرىشى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ھامىلىنىڭ تەرەقىياتى ۋە بۇندىن كېيىنكى خاراكتېرى، پىسخىكا ساپاسىنىڭ تەرەقىياتىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقى بار ھامىلدارلار بىلەن يوق ھامىلدارلارنى سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ ھامىلدارلىق تۇرمۇشى كېيىنكىسىنىڭكىگە قارىغاندا خۇشال، ئوڭۇشلۇق، تىنچ بولىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى يېنىك، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئاز بولىدىكەن، ھامىلىمۇ بىرقەدەر ياخشى بولغان مۇھىتتا چوڭ بولۇپ، تۇغۇتىمۇ ئاسان بولىدىكەن. شۇڭا، بالىلىق بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەر _ ئاياللار، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى روھىي ۋو جىسمانىي جەھەتتىن تەييارلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەرنىمۇ قوبۇل قىلىش كېرەك، مەسىلەن: بەدەن شەكلى، يېمەكلىك، كەيپىيات، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار؛ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەر _ ئايالنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىش كېرەك؛ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەر _ ئايال كەيپىياتىنىڭ بىلىپ _ بىلمەي ئۆزگىرىپ قېلىشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك؛ ئايالى ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ئەر ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە مەسئۇلىيەتچان بولىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، چۈشىنىشى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى  كېرەك. مۇلايىم، تەبىئىي كەيپىيات ۋە خوشال، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن بوۋاقنىڭ كېلىشىنى كۈتىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى