ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھامىلدار ئانا كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىشى لازىم

بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھامىلدار ئانا كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىشى لازىم

ۋاقتى: 2015-03-28 ئاۋاتلىقى: 672 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھامىلدار ئانا كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىشى لازىم

ھامىلدارغا نىسبەتەن، ھامىلدار بولغان بۇ 280 كۈننىڭ ھەر كۈنىدە خۇشال يۈرۈشى ناتايىن، ئەكسىچە ھورموننىڭ قالايمىقانلىشىشى، بىئارام بولۇش، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياخشى قارىيالماسلىقى ھەرخىل ناچار كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، بەزىدە يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، بەزىدە ئەندىشە چىرمىۋېلىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىنى جاپالىقلاشتۇرۋېتىدۇ.

1 _ مەنبە: بالىنىڭ سالامەتلىكىدىن ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەش 

ئەلفىرە خانىمنىڭ  2004_يىلى ۋە 2006 _ يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق بويىدىن ئاجراشتىن كېيىن، ھامىلدار بولۇش ئارزۇسى تېخىمۇ بەك كۈچىيىش بىلەن بىرگە جىددىيلىشىشكە باشلىغان. بىر تەرەپتىن تېزراق ھامىلدار بولۇشقا ئالدىرىغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان. مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى يىل ئۆتۈپ، 2008 _ يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم ھامىلدار بولغان. بىراق بېشىدىكى ئۈچ ئاي ۋاقىتتا، ئەلفىرە خانىم بالىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، پەقەت خاتىرجەم بولالمىغان، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دوختۇر ئۇنىڭغا بالنىستا يېتىپ ھامىلە ساقلاش داۋالىشى ئېلىپ بېرىشنى بۇيرىغان.

باھا:  بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئادەت بولۇپ قالغان ھامىلدارلار، قايتا ھامىلدار بولغاندا كەيپىياتى ئىنتايىن جىددىي بولىدۇ. چىن دەي جيانىڭ دىيىشىچە، بەزى ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغان ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلە ساقلاش داۋالىشى ئېلىپ بارىدىكەن، ھەممە ئىشنى شۇنداق ئېھتىيات بىلەن قىلىدىكەن. لېكىن تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، روھىي بېسىم بىلەن ئادەتلەشكەن بويىدىن ئاجراش ئوڭ تاناسىپلىق نىسبەت تۈزىمەكتە، قانچە بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەنچە، بويىدىن ئاجراش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولماقتا.

تەدبىر:

1) ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتقا ئائىت بىلىملەرنى كۆپ ئۆگىنىش، ئىلگىرىكى بەخىتسىزلىكنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىش لازىم.
2) كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش، بالىسى بار ئاياللار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىش، كۆپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش لازىم.
3) ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرنى ئىزدەش كېرەك.

2 _ مەنبە: ھامىلدارلىق ئالامەتلىرىنىڭ كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىشى

ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، ساجىدە خانىمدىكى ھامىلدارلىق تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، يېگەن نەرسىسىنى ياندۇرۇپ، روھىي ھالىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن، شۇ سەۋەپلىك دائىم يىغلاپلا يۈرگەن. ھازىر گەرچە ياندۇرمايدىغان بولغان بولسىمۇ، پۇت تەرىپى ئىششىپ، بۇرنى ھەم يوغان ھەم قىزىل بولۇپ، ئۆزىنى باشقىلا بىرسىگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ساجىدە خانىم ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خۇشال بولماستىن ئەكىسچە تېخىمۇ بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالغان.

باھا: ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي بىلەن ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدارلارنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن تۇرقسىز بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاساسلىقى ئۆزىدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە كۆنەلمەسلىكتىن بولىدۇ، مەسىلەن: كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئۇيقىسىزلىق قاتارلىقلار. ھامىلدارلىقنىڭ سەككىزىنچى ئايلىرىغا كەلگەندە، ھامىلە چوڭ بولۇشقا  باشلاپ، ھامىلدارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يۇقىرىلايدۇ، پۇت قىسمىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بۇلۇش، بېلى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلىدىن ئەنسىرەش كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، روھىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەدبىر: 

1) ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغۇشنىڭ ئاياللار تۇرمۇشىدىكى نورمال ئەھۋاللىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. كۆپىنچە ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە ۋە بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چۇقۇم ياخشى بولغان روھىي كەيپىياتنى ساقلىشى ھەمدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەدىنىدە كۆرۈلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

2) يېمەك _ ئىچمەك بىلەن كەيپىياتنىڭ ئىنتايىن چوڭ مۇناسىۋىتى بار، ئالىملارنىڭ دىيىشىچە، ھامىلدارلار  ئاچ قالماسلىقى شۇنداقلا جىق يەۋالماسلىقى كېرەككەن، بۇنداق بولمىغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.   

3) كۆپىنچە ۋاقىتتا فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن، ھامىلدارلار كىيىم كىيىش ۋە ياسىنىشقا بەك ئېتىبار بەرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ھامىلدارلار ئۆزىنى قانچە چىرايلىق ياساپ يۈرسە، كەيپىياتىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

4) ئائىلىنىڭ بېزىلىشى نەپىس، سەرەمجانلاشتۇرىلىشى رەتلىك، چىراغ نۇرى يېقىملىق ۋە راھەت بولغان ئۆي ئىچىمۇ ھامىلدارنىڭ كەيپىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچى مەنبە: بەدەندىكى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشى  

" ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولغان ۋاقتى ئەڭ بەخىتلىك چاغ دەپ ئويلايتتىم، ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆيدە ئارام ئالدىم، ئائىلىمىزدە چوڭلارمۇ يوق، يولدىشىم ھەر كۈنى ئەتتىگەندە چىقىپ كەچ كېلەتتى، ئۇنى كۆرسەملا ئۇنىڭغا سۆزلەيتىم، كۆرمىسەم كۆرگۈم كېلەتتى، ئۆيدە يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، دائىم ياش تۆكۈپ چۈشكۈنلىشىپلا كەتتىم." يۇلتۇز خانىم ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلەپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باھا: ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، ھامىلدارلار نازۇكلىشىپ كېتىدۇ، ماددىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاجىرىتىپ چىقارغان ھورموننىڭ مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپ. بىراق كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقىنى تۈپكى سەۋەبى يەنىلا روھىي ھالەت.

تەدبىر:

1) ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايدىن كېيىن، ھامىلدارلار يوگاسىنى مەشق قىلسا بولىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەت جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھامىلدارنىڭ كەيپىياتىنى تىنىچلاندۇرۇشقا پايدىلىق.
2) ھامىلدارلىق خاتىرىسى يېزىش، شۇ 280 كۈن ئىچىدىكى چوڭ كىچىك ھەممىنى خاتىرلەپلا قالماستىن، دىققەتمۇ بۇرىلىدۇ.
3) دوختۇر ئارام ئېلاشقا بۇيرۇشتىن بۇرۇن ھامىلدار خىزمەتتىن توختىمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆيدە يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىدۇ.

تۆتىنچى مەنبە: ئائىلىدىكىلەرنىڭ غەمخورلىقى يېتەرسىز بولۇش

ھامىلدار بولغىلى ئالتە ئاي بولاي دەپ قالغاندىمۇ، رامىلە خانىمنىڭ دائىم كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتتا يىغلاپلا يۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يولدىشى كۈندە كەچلىكى تاماققا كەلمەي ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەن، لېكىن رامىلە خانىم بەزىدە يولدىشىنىڭ راستىنلا شۇ سەۋەپتىن تاماققا كەلمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ كەيپىياتىنى بۇزۇۋالىدىكەن.

باھا: بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر ئاياللاردەك ئىنچىكە ئويلىيالمايدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپىنچە ئەرلەر بۇخىل روھىي ئېھتىياجغا سەل قاراپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ  ئۇلاردا باشقا مەسىلە بارلىقىنى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يولدىشىغا ئىشىنىش كېرەك.

تەدبىر: 

1) بوۋاققا لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلاش ئارقىلىق دىققەتنى بۇراش.
2) ھەر ھەپتىدە يولدىشىغا ھازىر ھامىلىنىڭ قانچە ھەپتە بولغانلىقىنى دەپ تۇرۇش، ھامىلدارلىققا مۇناسىۋەتلىك كىتابتىن بىرنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك. ئەگەر ئۇ كىتابنى كۆرسە يولدىشىڭىز سىزدىكى روھىي ھالەتنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.
3) ھامىلدارلىق مەكتىپىگە يولدىشى بىلەن بىللە بېرىپ ھامىلدارلىققا مۇناسىۋەتلىك نوتۇقلارنى ئاڭلاش، ئۆيدە ۋاقىتتا  ئەر ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىنى يىنىك سىلاپ بېرىش كېرەك، بۇ ھامىلدارنىڭ بېقىنىش ۋە قوغدىنىش تەلىپىنى قاندۇرۇپ، روھىي كەيپىياتىنى خاتىرجەم ۋە ئازادە قىلىدۇ.
4) ھامىلدارنىڭ كەيپىياتى ناچار چاغدا، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشماستىن توغرا چۈشىنىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى