ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار خۇلاسىسى

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-07-19 ئاۋاتلىقى: 529 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار خۇلاسىسى 

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا ھامىلە يېتىلىشكە باشلايدىغان بولۇپ، ئانا تېنىنىڭ سىرتىدىمۇ ھايات كەچۈرەلەيدۇ. ھامىلىنىڭ تېنىدە پارچە-پارچە مۇسكۇللار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ھامىلە ھەرىكىتى ئىلگىركىدىن كۈچىيىشكە باشلايدۇ. ئاڭلاش سېزىمى تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 30-ھەپتىسىگە بارغاندا، ھامىلىنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلىنىڭ ئاڭ پائالىيىتى يېتىلىشكە باشلايدۇ. ھامىلىنىڭ تېنى ئاستا-ئاستا بالياتقۇنىڭ ئاستىنقى تەرىپىگە يۆتكىلىپ، تۇغۇلۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ. ھامىلىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40سانتېمىېتىر، ئېغىرلىقى 1800 گرام بولىدۇ.
   
ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيى دەل ھامىلىنىڭ ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆپرەك ئېگەللىشى كېرەك.

①ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيى دەل ھامىلىنىڭ ئەڭ تېز يېتىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللار ئاقسىل، مېنىرال ماددىلار، ۋىتامىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم. ياغ ۋە كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى كونتىرول قىلىشى لازىم، بولمىغاندا ھامىلە ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كىتىپ، تۇغۇتقا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

②ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا ئانىنىڭ قورسىقى ناھايىتى يوغىناپ ھەرقايسى تەرەپتىكى پائالىيەتلىرى قولايسىزلىشىدۇ. بىراق يەنىلا ئوڭۇشلۇق يەڭگىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى لازىم.

③ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ھامىلدارلىق زەھەرلىنىش كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. ھامىلدارلىق زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى: ئەمچەك ئېسىلىش، سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆپىيىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار. ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى بولسا: بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش. 

④ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ھامىلىنى ئۆيدە كۆزىتىش. ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە بىر سائەتتىن ئۆلچەش ئېلىپ بېرىش، ئۈچ قېتىم ئۆلچىگەن ساننى تۆتكە كۆپەيتسەك 24سائەت ئىچىدىكى ھامىلىنىڭ ھەرىكەت قېتىم سانى چىقىدۇ. نورمال ئەھۋالدا 30 قېتىمدىن 100 قېتىمغىچە بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ ھەر سائەتتىكى مىدىرلىغان قېتىم سانى 3 قېتىمدىن تۆۋەن ياكى ئالدىنقى كۈندىكىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ ھامىلىگە بالىياتقۇدا ئوكسىگېن يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.

⑤ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېمىتكەن ۋاقىتتا ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دائىم ئەمچەك تۈگمىسىنى يۇيۇش ۋە بىرقىسىم مايلارنى سۈركىشى لازىم. 

⑥ئېمىتىشكە بولغان ئىشەنچىلىك پىسخىك ھالەت بولسا، تۇغۇتتىن كېيىن ھامىلىنى سۈت بىلەن بېقىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى.

⑦قورساق قىسمىغا ۋىتامىن E ۋە ماي سۈركەش لازىم. بۇنداق قىلغاندا قورساق تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ ھامىلدارلىق سىزىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

⑧بۇرۇن ئۇخلاپ بۇرۇن تۇرىدىغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۆيدە ئارام ئېلىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپسىز بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. 
خۇلاسە: يۇقىرىدىكى ھامىلدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، بارلىق ئانىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە كۆپرەك ئارام ئېلىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى، ئىستېمال قىلىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى