ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ھامىلە رەسىمى ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار بىلىملەر

ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ھامىلە رەسىمى ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار بىلىملەر

ۋاقتى: 2015-12-08 ئاۋاتلىقى: 671 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ھامىلە رەسىمى ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار بىلىملەر

8 ئايلىق بولغان ھامىلىنىڭ رەسىمى: 
 
8 ئايلىق بولغان ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

●بەش ئەزاسى: كۆزى بەزىدە ئوچۇق بەزىدە يۇمۇلغان، نۇرنى پەرق ئېتىش ۋە نۇر مەنبەسىنى ئىزدەش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ. ئاڭلاش نىرىپلىرى يېتىلگەن بولۇپ، ئاۋازغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. ھامىلىگە چاچ چىقىدۇ. ھامىلىنىڭ تېرىسىنىڭ سەزگۈسى يېتىلىدۇ.

●پۇت-قولى: قول تىرناقلىرى ناھايىتى ئېنىق، بەدىنى ۋە پۇت-قوللىرى داۋاملىق ئۆسىدۇ. 

●ئەزالىرى: ئۆپكە، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلىرى پىشىپ يېتىلىشكە باشلايدۇ. نەپەسلىنىش ئىقتىدارى يېتىلىپ بولىدۇ. ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. ئوغوللارنىڭ ئۇرۇقدېنى بۆرەك ئەتراپىدىن ئۇرۇقدان خالتىسىغا قاراپ پەسلەشكە باشلايدۇ. قىزلارنىڭ دىلچىقى شەكىللىنىپ بولىدۇ، بىراق كىچىك جىنسىي لەۋ يۆگىمەيدۇ. ھامىلىنىڭ تېرىسى سۇس قىزىلدىن ئوچۇق قىزىلغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.

●ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى: ھامىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ پائالىيەت بوشلۇقى بارغانسىرى كىچىكلەيدۇ، ھامىلە ھەرىكىتى ئازىيىدۇ، تەخمىنەن ھەرسائەتتە 10 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ.

يۇقارقى 8 ئايلىق بولغان ھامىلىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بىلىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئانىلار چوقۇم ناھايىتى خوش بولغان ۋە ھامىلىنىڭ ناھايىتى ساغلام ئۆسىۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلغان بولۇشى مومكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى