ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغان ئاياللارنىڭ تېنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى

ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغان ئاياللارنىڭ تېنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى

ۋاقتى: 2015-05-26 ئاۋاتلىقى: 765 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغان ئاياللارنىڭ  تېنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى

●بەدەن ئېغىرلىقى: بۇ ئايدا ئانىنىڭ تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 1300دىن 1800 گرامغىچە ئاشىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ھەپتىسىگە 500 گرام ئاشسىمۇ نورمال ھېسابلىنىدۇ.

●جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى: جنسىي يول ئاجراتمىلىرى كۆپىيىدۇ.

●سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك قىستاش: بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قورساق، ئۈچەي، ئاشقازان، دوۋسۇن يېنىك بېسىلىشقا ئۇچرايدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولمىغاندەك، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپەيگەندەك ھېس قىلىدۇ ۋە كۆپ سىيىدۇ. 

●قورسىقى كۆپۈپ قەۋزىيەت بولۇش: دائىم تەرىتى قاتتىق كېلىش ۋە قىززىش ئالامەتلىرى كۆپىيىدۇ. ئالدىنقى كۈندىكى پۇت ۋە يۈزىدىكى ئىششىقلار يوقىمايدۇ. 

●نەپەسلىنىشتىكى ئۆزگىرىشلەر: كۆكرەك قىسمىغا نەپەس يېتىشمىگەندەك، ھەتتا مۆرىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ نەپىسنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. 

●ئەمچەكتىكى ئۆزگىرىش: ئەمچەك ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. ئەمچەك، قورساق ۋە يوتىدىكى قىزىل سىزىقچىلار كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھورمۇننىڭ تەسىرىدىن ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ ئەتراپى، تۈۋەنكى قورساق ۋە تاشقى جىنسىي يولنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ.

● سۆڭەكنىڭ ئىنكاسى: ھامىلدار ئايالنىڭ داس سۆڭىكى، بوغۇم، ۋە پەيلىرىدە بوشىش كۆرۈلىدۇ. تېنىدە ئازراق ئاجراش كۆرۈلىدۇ. سەۋەبى بولسا ھامىلدارلىق ھورمۇنىنىڭ تەسىرى. ئەگەر ئاجراش بەك ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتسە بوغۇمنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلدار ئايالدا ئاسانلا بېلى تېلىش كېلىپ چىقىدۇ. 

●ھامىلدارلىق رېئاكسىيەسى: تۇغۇت دېغى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، بەزىلەرنىڭ يۈزىدە تۇغۇت دېغى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ تېرىسىدە داغ-سەبگۈن پەيدا بولىدۇ. كۆپرەك يۈز قىسمىدا بولىدۇ. مەسىلەن: قولاق، ئېغىز ئەتراپى، پىشانە تېرىلىدە كۆرۈلىدۇ. بۇچاغدا ھامىلدار ئايالنىڭ تېنى ئېغىرلاپ، ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ. 

●ھامىلدار ئاياللارغا فېزىئولوگىيەلىك ئەسكەرتىش: بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئاياللارنىڭ پۇتىغا ناھايىتى ئېغىر بېسىم چۈشىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن ئۆرە تۇرماسلىقى لازىم. كۆكرەك ۋە ئاشقازانلار بالىياتقۇنىڭ سىقىشى تەسىرىدە كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا بارماقلىرى كۆپۈشكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنتۇغاق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنى ئاسرىشى لازىم. 
خۇلاسە: ھامىلدارلىقنىڭ8 –ئېيىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ تېنىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇچاغدا ھامىلدار ئاياللار ئارام ئېلىشقا، يېمەكلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى