ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغاندا دادا بولغۇچى نېمىلەرنى قىلىشى لازىم

ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغاندا دادا بولغۇچى نېمىلەرنى قىلىشى لازىم

ۋاقتى: 2015-12-26 ئاۋاتلىقى: 627 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغاندا دادا بولغۇچى نېمىلەرنى قىلىشى لازىم 

ئەگەر ئايالى دەردىنى تۆكۈشنى ياخشى كۆرسە، دادا بولغۇچى چوقۇم ئەڭ سادىق ئاڭلىغۇچى بولۇشى لازىم؛ ئەگەر ئايالى كەم سۆز بولسا، ھامىلدارلىققا ياكى يەڭگىشكە نىسبەتەن ئەنسىرەش بولسا، ئۇنداقتا، سىز چوقۇم دادىل ھالدا نېمە ئېش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئايالىڭىز تەرەپتە تۇرۇڭ، ھەم ئايالىڭىز بىلەن گۈزەل ئەتىنى سۈرەتلەپ چىقىڭ. مۇشۇ ۋاقىتتا دادا بولغۇچى چوقۇم ئامال بار كاماندىروپكىغا ئاز چىقىشى لازىم.

ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندا بىرگە بولۇشقا بولامدۇ-ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇش بىلىملىرى توپلىمى

ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ قورساق قىسمى كۆرۈنەرلىك كۆپۈپ چىقىدۇ، بەدەن شەكلى ۋە تەن ئېغىرلىقىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەدىنى ئېغىرلىشىپ، بەل، دۈمبىلىرى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، جىنسىي ھەۋىسى چېكىنىدۇ. بالياتقۇنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ، ھەرقانداق غىدىقلاش، ھەتتا كىچىككىنە سىلكىنىشمۇ بالياتقۇنىڭ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلدار بولۇپ 36 ھەپتىدىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ھامىلە پەسلەشكە باشلايدۇ، جىنسى مۇناسىۋەت ئاسانلا بالياتقۇ ئېغىزىنى ئېچىۋېتىپ، باكتېرىيەدىن يوقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بالدۇر تۇغۇلۇش ۋە بالياتقۇ ئىچىدە يوقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسىسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە:    ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن چوقۇم جىنسىي ئالاقىنى توختىتىش كېرەك. ئەر-ئاياللار سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدەگەرچە ئەر-ئاياللار تامامەن مۇناسىۋەتنى توختاتمىسىمۇ، بىراق چەكلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. پەقەت جىنسىي تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندىلا، ھامىلىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەننىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى