ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ئوزۇقلۇق بىلىملىرى توغرىسىدا

ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ئوزۇقلۇق بىلىملىرى توغرىسىدا

ۋاقتى: 2016-03-16 ئاۋاتلىقى: 869 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ئوزۇقلۇق بىلىملىرى توغرىسىدا

ھامىلدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ تېنى ئېغىرلىشىپ ھەرىكىتى قولايسىزلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالياتقۇ قورساقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگەللەپ بولىدۇ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازىنى قىسىلىپ، تاماق مىقدارى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن قورسىقى تويمىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئانا تېنىنىڭ ئاساسىي ماددا ئالماشتۇرۇشى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. ئۇ چاغدا ھامىلدار ئايال ئامال بار ئاشقازاننىڭ قىسىلىش سەۋەبىدىن ئازلىغان ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىشى كېرەك. ھەر كۈنى كۆپ غىزالىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، ھەرخىل ئوزۇقلىق ماددىلىرىنى تەڭپۇڭ تولۇقلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە  كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ 8-ئېيىدا ھامىلە جىگەر ۋە تېرە ئاستىدا ماي ۋە ساخاروزىلارنى ساقلاشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا كاربوناتلىق بىرىكمىلەرنىڭ سۈمۈرۈلىشى يېتەرلىك بولمىسا، ئانا تېنىدىكى ئاقسىل ۋە مايلارنىڭ پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا ئاقسىل كەملىك ۋە كېتونېمىيە كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھامىلدار بولۇپ سەككىز ئاي بولغاندا ئىسسىق ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆپ مىقداردىكى گىلوكوزا ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ماي، ساخورازا شەكلىدە ساقلىنىشنى تەمىنلەشتىن باشقا، يەنە مەلۇم مىقداردا ماي كىسلاتاسى، بولۇپمۇ لىنولېئىك كىسلاتا بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىت دەل چوڭ مېڭىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى تىز سۈرئەتتە شەكىنلىنىدۇ، مول بولغان لىنولېئىك كىسلاتا چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سۇلىق ئىششىق ۋە ھامىلدارلىق يۇقىرى قان بېسىم ئۇنۋېرسال كېسىلىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، تۇزسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىمەكلىكنى كونترول قىلىپ، ھەر ھەپتىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى 350 گرامدىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى