ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈشى ـــــــ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋىرولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى
ۋاقتى: 2016-08-02
ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈشى ـــــــ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋىرولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى
مۇددىئاسى: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروس ئانتىگېن ـ ئانتىتېلانى ئېلىپ يۈرگەن يۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش
تەكشۈرۈش تۈرى: HBsAb, HBeAg, HBeAb, HBcAb HBsAg,
تەييارلىق تەدبىرى: نورمال ھالەتتە مۇئامىلە قىلسىلا بولىدۇ.
بىخەتەرلىك دەرىجىسى: *****ئاچ قورساق ۋاقىتتا قان ئېلىشنىڭ، تېرىدە يىڭنە ئىزى قالغاندىن ۋە سەل ئاغرىغاندىن سىرت زىيىنى يوق.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈش:
HBsAg مۇسبەتنى ئىپادىلىسە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئىپادىسى، بۇنىڭدىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار ياكى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
HBsAb مۇسبەتنى ئىپادىلىسە،ئىلگىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقنىڭ، ھازىر پۈتۈنلەي ساقايغانلىقنىڭ ھەمدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسىغا قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ بارلىقىنىڭ ئىپادىسى
HBeAg مۇسبەتنى ئىپادىلىسە، قان تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسىنىڭ مەۋجۇتلىقى، يۇقۇمچانلىقىنىڭ بىرقەدەر كۈچلۈكلىكىنىڭ ئىپادىسى
IgM ـ HBeAbمۇسبەتنى ئىپادىلىسە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ نۇسخىلىنىش باسقۇچىدا شۇنداقلا جىگەر ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى
IgG ـ HBeAb مۇسبەتنى ئىپادىلىسە، سوزۇلما خارەكتىرلىكB تىپلىق جىگەر ياللۇغى ياكى ئىلگىرى يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئىپادىسى
ئۈچ چوڭ مۇسبەت دېگىنىمىز HBsAg (سىرتقى ئانتىگېن)، HBeAg(E ئانتىگېن) بىلەن HBcAb(يادرو ئانتىتېلا) نىڭ ھەممىسى مۇسبەت، قالغانلىرى مەنپىي بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچ كىچىك مۇسبەت دېگىنىمىز HBsAg (سىرتقى ئانتىگېن)، HBeAg(E ئانتىتېلا) بىلەن HBcAb(يادرو ئانتىتېلا) نىڭ ھەممىسى مۇسبەت بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
« ئۈچ چوڭ مۇسبەت» بىلەن « ئۈچ كىچىك مۇسبەت»نىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا، سىرتقى ئانتىگېن بىلەن يادرو ئانتىتېلانىڭ ھەممىسى مۇسبەت بولغان ئاساستا، ئەگەر E ئانتىگېنمۇ مۇسبەت بولسا، « ئۈچ چوڭ مۇسبەت» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ۋىروس نۇسخىلىنىشىنىڭ جانلىقلىقىنىڭ ئىپادىسى، كۆپىنچە بىر ۋاقىتتىلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى DNA مۇسبەتنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ يۇقۇمچانلىقنىڭ بىرقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ناۋادا پەقەت E ئانتىتېلا مۇسبەتنى ئىپادىلىسە « ئۈچ كىچىك مۇسبەت» دەپ ئاتايمىز، بۇ ۋىروسنىڭ ئاساسەن نۇسخىلىنىپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ناۋادا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى DNA مەنپىيلىكنى ئىپادىلىسە، ئاساسەن يۇقمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان ئارقىلىق يۇقىدۇ. ناۋادا « ئۈچ چوڭ مۇسبەت» بىلەن « ئۈچ كىچىك مۇسبەت» بولسا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۈچ قېتىم ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلسا، ھامىلىگە يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.