ھامىلە تەربىيەسى ــــــ كىتاب ئوقۇش بىلىملىرىنى ئوقۇشتىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-07-06
ئاۋاتلىقى: 750 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە تەربىيەسى ــــــ كىتاب ئوقۇش بىلىملىرىنى ئوقۇشتىن خۇلاسە
«ھامىلە تەربىيەسى» بولسا ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئارىسىدا كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئۇقۇم، يەنى ئانا ئاڭلىغان ئاۋاز بىلەن ھامىلىنىڭ ئەقلىي جەھەتتىكى يېتىلىشىنى تېزلەشتۈرۈش دېگەنلىك. كۆپىنچە كىشىلەر پەقەت ناخشا مۇزىكا ئاڭلاشنىلا ھامىلە تەربىيەسىدىكى بىر خىل ۋاستە قىلىۋالغان، ھامىلىگە ياخشى ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىدىغان ئاتا ـ ئانىلار ناھايىتى ئاز. ئەمەلىيەتتە ھامىلىگە نىسبەتەن، ئانىنىڭ ئاۋازى، كەيپىيات ئۆزگىرىشى ناخشا مۇزىكىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرىدىن چوڭ بولىدۇ، شۇڭلاشقا، ناۋادا ھامىلدار كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولسا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كىتاب ئوقۇشنى ھامىلە تەربىيەسىنىڭ ياخشى ئۇسۇلى قىلىۋالسا، ئىككى تەرەپكىلا ئىنتايىن پايدىسى بولغان بولاتتى. ھامىلە تەربىيەسىدە كىتابنى ئېرى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئايالىغا ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ، بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنى تىنىچلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەر ـ ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىمۇ ياخشىلايدۇ؛ ئانا ئۆزى بىكار ۋاقىتتا باغچىدا ئولتۇرغاندا ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇلايىم ئاۋازدا ھامىلىگە ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھامىلدارنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى مۇۋاپىق مىقتاردا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، ھامىلدارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە، دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرگۈزۈشكە شۇنداقلا ھامىلىگە ئانىنىڭ ئاۋازىنى تونۇتۇپ، ئانا ـ بالىلىق مېھرىنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىسى بار.