بىرىنچى ھامىلە تەربىيەسىدە كىتاب ئوقۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئېيى
ۋاقتى: 2016-08-17
ئاۋاتلىقى: 700 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بىرىنچى ھامىلە تەربىيەسىدە كىتاب ئوقۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئېيى
ھامىلدار بولۇپ 8- ئېيىدىن تۇغۇت ۋاقتى توشقىچە، ھامىلە تەربىيەسىدە كىتاب ئوقۇشنى يولغا قويۇش ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. مېدىتسىنادا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ ئاڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ 8~7 ئايلىرىدا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئاساسەن تەرەققىي قىلىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھالىتىگە يېتىدۇ، ناۋادا تاشقى مۇھىتنىڭ خەۋىرىنى قولغا چۈشۈرسە، نېرۋا نەيچىسى ئاقىلىق ھامىلە تېنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.