ھامىلدار بولغىلى 15ھەپتە بولغان ئايال نېمە يېسە ياخشى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئوزۇقلىنىش خۇلاسىسى
ۋاقتى: 2016-11-03
ئاۋاتلىقى: 805 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلدار بولغىلى 15ھەپتە بولغان ئايال نېمە يېسە ياخشى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئوزۇقلىنىش خۇلاسىسى
ھامىلدار بولغان 15 ھەپتىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە مۇۋاپىق ھالدا ۋىتامىن A نى تولۇقلاش كېرەك. ۋىتامىن A بولسا ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ھەم بەدەن ئۆزى ھاسىل قىلالمايدۇ. ھامىلدار ئاياللاردا ۋىتامىن A كەمچىل بولسا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ ـ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلە كەمتۈكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدار ئاياللار ھەركۈنى زۆرۈر بولغان ۋىتامىن A تەخمىنەن 8000 بىرلىك، پەقەت ھامىلدار ئانىنىڭ يېمەك–ئىچمىكى نورمال بولسىلا، ھەر كۈنى يېتەرلىك بولغان گۆش، تۇخۇم ۋە يېڭى سەي-كۆكتاتلارنى يېسىلا بەدەن ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. ئارتۇقچە بېلىق مېـيى ئستېمال قىلىش ھاجەتسىز، ئەگەر يېمەك–ئىچمەككە كاپالەتلىك قىـلالمىسا مۇۋاپىق ھالدا بېلىق مېيى تولۇقلىسا بولىدۇ. لېكىن تولۇقلاش مىقدارى ئارتۇق بولۇپ كەتسە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىــتامىن D، ۋىتامىن E، ۋىتامىنB6 قاتارلىقلارمۇ ھامىلدار ئانا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئوزۇقلۇق ماددا. ۋىتامىن D بولسا كالتىسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. تەبىئىي ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن D ئازراق، پەقەت ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرـنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن D كۆپرەك. ۋىتامىن E بولسا بەدەن مېتابولىـزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن E بولسا ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە كەڭ دائىرىدە تارقالغان، ياخشى بولغان يېمەكــلىك مەنبەلىرىدىن بۇغداي ئۈندۈرمىسى مېيى، چىگىت يېغى ، سېرىق پۇرچاق يېغى، يەر ياڭىقى يېغى، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلار بار. ئەگەر ۋىتامىن B6 كەمچىل بولسا، تىل ياللۇغى، مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، مايلىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.