ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار خۇلاسىسى

ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-01-28 ئاۋاتلىقى: 587 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتە بولغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك    
ئىشلار خۇلاسىسى       

1. ئايرىم ساندىكى ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇن تەكشۈرتىشى كېرەك.
ھامىلدار بولغىلى 15 ھەپتىدىن 18 ھەپتىگىچە بولغاندا، سىز بەلكىم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىـشىڭىز مۇمكىن، ھامىلىگە نىسبەتەن ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش 
ئارقىلىق، ھامىلىدە تۇغما كەمتۈكلۈك ياكى ئىرسىي كېسەللىك بار-يوقلىقىغا 
ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئانا بولۇش ئالدىدا 
تۇرماقچى بولغانلار تۇغۇتتىن بۇرۇن تەكشۈرتىشى زۆرۆر. يەنى يېقىن ئۇرۇق 
تۇغقانلار ئارا توي قىلغانلار، 35 ياشتىن ئاشقان ھامىلدار ئاياللار، خىروموسوم 
بار بالا تۇغقان ئاياللار، كۆپ قېتىم تەبىئي بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئاياللار.

2.قان تىپى AB بولغان ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار قان ئېرىشنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك.
قان تىپىO بولغان ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار يەنە ئانا-بالا قان تىپىنىڭ
بىردەك ياكى بىردەك ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى كېرەك. قان تىپى
ئوخشاش بولمىسا ئككى خىل ئالاھىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ .بىرسى،
ABO قان تىپى قان تىپى بىردەك بولمىغانلار، ئادەتتە ئانىنىڭ قېنى O تىپـ
لىق، ئاتىنىڭ قېنى A ، B ياكى AB تىپلىق بولىدۇ، ABO قان ئېرىش كۆپرەك بىرىنچى ھامىلىدە كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرسى بولسا RH قان تىپى ئوخشاش بولماسلىق، ئانىنىڭ RH مەنپىي تىپلىق، دادىنىڭ قېنى RH مۇسبەت تىپلىق بولغاندا، تۇغقان چاغدا ئانىنىڭ قېنى ھامىلىنىڭ قېنىغا نىسبەتەن ئانتېتىلا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بىرىنچى ئەۋلاد ھامىلىنىڭ كېسەل بولۇش مۇمكىنچىلىكى بىرقەدەر ئاز، تۇغۇش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، كېسەل بولۇش نسىبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
   
3. دەسلەپتە سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچى ئاخشىمى كىچىك تەرەت قىلىشقا باشلايدۇ، قېتىم
سانى كۈندۈزگە قارىغاندا كۆپرەك، ھامىلىنىڭ چىقارغارن ماددىسى كۆپ بولغانلىقتىن بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ شۇنداق بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، يېتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلاش بەكمۇ مۇھىم.
     
4. تۈك ۋە چاچلاردا ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ .
ئويلاپ باقمىغان بىر ئۆزگىرىش ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىشى مۇمكىن. ئەسلىدە شالاڭ، سېرىق بولغان چاچلىرىڭىز ھامىلدار بولغاندىن كېيىن قۇيۇق ۋە قارا بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. بۇ تۆھپە سىزنىڭ بوۋىقىڭىزغا مەنسۇپتۇر. بىراق بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىپ چىققان  تەر تۈكچىـ       
لىرى كۆپىيش، تۇتۇق بولغان بۇرۇت سىزنى بىزار قىلىشى مۇمكىن. بۇلار ھامىلدارلىق سىزگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەردۇر، بىراق ھەممىسى ۋاقىتلىقـ 
تۇر .
       
5. مۇۋاپىق مىقداردا تەركىبىدە سىنىك بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش.
سىنىك كەمچىللىك ئانا بولغۇچىنىڭ تەم سەزگۈسى ۋە پۇراش سەزگۈسى بىنورماللىق ، ئشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشى، ئممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەركىبىدە سىنىك بولغان يېمەكلىكلەردىن  قۇلۇلە، ئوستېر قۇلۇلىسى، جىگەر، تاغ ئېشەك مەدىكى، كۈنجۈت، سەدەپ قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ سەدەپ تەركىبىدە سىنىك مىقدارى كۆپ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى