ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە تەربىيەسىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابنى تاللاش

ھامىلە تەربىيەسىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابنى تاللاش

ۋاقتى: 2014-07-06 ئاۋاتلىقى: 672 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە تەربىيەسىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابنى تاللاش

ھامىلدارلار ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان كىتابلارنى تاللاشتا ياش چەكلىمىسىگە ئۇ چرىمايدۇ، ژانىرى مول ھەم مەزمۇنلۇق بولسا بولىدۇ، بىر خىل شەكىلگە ئېسىلىۋېلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، يىغىپ ئېيتقاندا، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان، خۇلق يېتىشتۈرىدىغان، گۈزەل تەسىرات بېرىدىغان ئوقۇشلۇقلارنى تاللاش؛ ئەڭ ياخشىسى، ئانىلىق مىھرىنى قوزغايدىغان، ئاياللارنىڭ ئىللىق سەزگۈسىنى ئويغىتىدىغان ئەسەرلەرنى تاللاش؛ ھەمدە ھامىلدارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەسىر، شېئىرلار توپلىمى، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئۇزۇن قىسقىلىقى نورمال، ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلارنى تاللاش كېرەك. بۇ يەردە ھامىلدار ئانىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن بىرنەچچە تۈرلۈك ئوقۇشلۇقنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1. ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلار:

يولدىشى يېنىدا بولمىغان ھامىلدارلارغا نىسبەتەب ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق بىر ياخشى تولۇقلىما. ئۆزى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ھامىلدارلار نىسبەتەن ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق بولسا ھارغىنلىقنى تەڭشىگۈچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لىرىك مۇزىكا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغاچقا، ھەمىلىە تەربىيەسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بىراق،ھازىر داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۆزگەرتىپ قىسقارتىلغان نۇسخىسى ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلارغا ئېلىنىپ بازارغا سېلىنماقتا، ئۆزگەرتىپ تۈزۈش سەۋىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، سۈپىتىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ تۈردىكى ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

2. ئاياللار ئەدەبىياتى تۈرىدىكىلەر:

ئاياللاردىكى ئالاھىدە بولغان نازۇك پسىخىكا ئۆزگىرىشىنى، پەقەت ئاياللار ئۆزىلا چۈشىنىدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش، تۇرمۇش قانۇنىيىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ئاياللار ئالاھىدە سەزگۈر ، كەيپىياتى تۇراقسىز ۋە پەسكوي ھالەتكە كىرىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ئايال ئاپتورلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىن ھېس قىلىپ يازغان نەسىر، ھېكايىلىرىنى ئوقۇسا، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن تۇرمۇش بىلىملىرىگە ئىگە بولۇپ، خاتىرجەمسىز مەزگىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنداق ئانىلىق مىھرى تولۇپ تاشقان ئەسەرلەر ئارقىلىق، روھىي جەھەتتىكى دەۋەت ۋە ھېسداشلىققا ئېرىشەلەيدۇ، ئانا بولۇشنىڭ قانچىلىك بەخىت ۋە خۇشاللىق ئىكەنلىكنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ.

3. قېرىنداشلىق تۈرىدىكى رەسىملىك كىتابلار:

باشقا يېزىقچە ئوقۇشلۇقلارغا سېلىشتۇرغاندا، مۇنەۋەر رەسىملىك كىتاب تېخىمۇ مۇۋاپىق ھەم تەسىرلىك، كىشىنى خىيالغا باشلىيالايدۇ، ئۇنى ئوقۇشتىن باشقا ، ساپ بەدىئىي ھوزۇر بېغىشلايدۇ، ئانا بالا رەسىملىك ئوقۇشلۇقى ئاددىي ھەم مىھىر ـ مۇھەببەت سۆزلەنگەن ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھامىلىنىڭ يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئانىسىدىن ئەسلىشىگە ماس كېلىدۇ، ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولسا، ئانىلار رەسىملىك ئوقۇشلۇقنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەڭ ھوزۇرلانسا بولىدۇ، ئۇ چاغدىكى ھېسيات ئۇقۇمى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بۇنداق بىر كىتابنى ئىككى قېتىم ئوقۇپ، مىھرى ـ مۇھەببەتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدىغان پۇرسەتنى قانداقمۇ قولدىن كەتكۈرۈپ قويۇشقا كۆڭۈل ئۇنىسۇن؟

4. بالىلارنى پەرۋىش قىلىش تۈرىدىكى كىتابلار:

بۇنداق كىتاب ئادەتتە ھامىلە تەربىيەسىدە ئىشلىتىلمەيدۇ، بىراق بالا تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئەگەرھامىلدار بولمىغان ئەمما ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسا، ئالدىن كىتاب ئوقۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن ھەممە ئادەم سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ بولالمايدۇ، ئۇنداقتا، قورساق كۆتۈرگەن ئون ئاي ئىچىدە، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كىتاب ئوقۇشى، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بالا تەربىيەسىگە قارىتا ھېچقانداق تونۇشىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغانغا قارىغاندا مىڭ ھەسسە ياخشى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى