ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باش سۈيى كۆپ بولۇشقا دىئاگنوز قويۇش

باش سۈيى كۆپ بولۇشقا دىئاگنوز قويۇش

ۋاقتى: 2015-09-28 ئاۋاتلىقى: 688 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باش سۈيى كۆپ بولۇشقا دىئاگنوز قويۇش

1.كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى

باش سۈيى كۆپ بولغان ھامىلدار ئايال بالىياتقۇنىڭ چوڭ بولۇش سەۋەبىدىن، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، ياتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ جىددىي خاراكتېرلىق باش سۈيى كۆپ بولۇشقا گىرىپتار بولغۇچىلاردا قورساق قىسمى ئېسىلىپ ئاغرىش، دىمى سىقىلىش، كالپۇكى كۆكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاسانلا پۇت-قول ۋە تاشقى جىنسىي ئەزا ۋىنا قان تومۇرلىرىدا كۆپۈش كۆرۈلىدۇ.

2.تۇغۇت بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش

بالىياتقۇ ئېگىزلىكى، قورساق ئايلانمىسى، تەن ئېغىرلىقى گىرافىكىدا ئوخشاش ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلىدۇ. تۇتۇپ دىئاگنوز قويغاندا تېرە سوزۇلۇش كۈچى چوڭ بولۇش، ھامىلە ئورنىنى پەرق ئېتىش تەس بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

3.B ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش

باش سۈيى كۆرسەتكۈچى(AFI) 20 سانتېمىتىردىن چوڭ بولسا، باش سۈيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەكشىلىكى 8 سانتېمىتىردىن چوڭ بولسا باش سۈيىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. باش سۈيى كۆرسەتكۈچى بولسا ھامىلدار ئايالنىڭ بېشىنىڭ ئېگىزلىكىنى 30 گىرادۇس، تەكشى يېتىپ، كىندىك گورىزونتال سىزىقى بىلەن قورساق ئاق سىزىقىنى ئۆلچەم قىلىپ، قورساقنى تۆت قىسىمغا بۆلىمىز، ھەم ھەربىر قىسىمنىڭ ئەڭ چوڭ باش سۈيى تۇتۇق رايونىنى ئۆلچەپ قوشۇپ ئېرىشىمىز.

4.دىئاگنوز قويۇش ئاساسلىرى: يەڭگىگەن ۋاقىتتا باش سۈيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن چوڭ بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى