ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە تەربىيەسى ــــــ ھامىلىنى سىلاش بىلىملىرىنى ئوقۇشتىن خۇلاسە

ھامىلە تەربىيەسى ــــــ ھامىلىنى سىلاش بىلىملىرىنى ئوقۇشتىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2015-10-28 ئاۋاتلىقى: 869 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە تەربىيەسى ــــــ ھامىلىنى سىلاش بىلىملىرىنى ئوقۇشتىن خۇلاسە

ھامىلدار بولۇپ ئىككىنچى ئايدىن باشلاپ، ھامىلە ئانا تېنىدە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ، ئەمما ھەرىكەت دائىرىسى كىچىك بولۇپ، ھامىلدار ئانا ھېس قىلالمايدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ھەرىكەت دائىرىسىمۇ چوڭىيىدۇ، باش سۈيىنىڭ كىرىش ـ چىقىشى، كۆزىنى قىسىشى، قولىنى شورىشى، مۇشتىنى تۈگۈشىدىن تارتىپ، پۇت ـ قوللىرىنى سوزۇشى، ئۆرۈلۈشى، موللاق ئېتىشىغىچە كۆپىيىدۇ. شۇڭا، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ئاياقلاشقاندىن باشلاپ، ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسىنى باشلىسا بولىدۇ.

ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى،سىلاش ھامىلىگە ئاتا ـئانىنىڭ مېھرى ـمۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرۇپلا  قالماي، ھامىلدار ئانىنىڭ روھىنىڭ ئازادە، كەيپىياتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ بولۇشىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، شۇڭا، بۇ پائالىيەتتە دادا بولغۇچىنىڭمۇ  رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ.

دادا بولغۇچى دائىم ھامىلىنى قورساق سىرتىدىن سىلاپ بېرىشى، ھەمدە ھامىلدارنىڭ ھامىلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشىگە  ياردەملىشىشى لازىم، ئەڭ ياخشىسى بىر تەرەپتىن گەپ قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن دادىسىنىڭ سىلاۋاتقاتلىقىنى بىلدۈرۈش لازىم.

ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسى ھامىلە تېرىسىنىڭ تېگىش سەزگۈسىنى چېنىقتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېگىش سەزگۈ نېرۋىسى ئارقىلىق تەن سىرتىدىكى تەسىرنى ھېس قىلىپ، مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تېزلەيدۇ؛ ئۇ يەنە ھامىلىنىڭ ھەرىكەت قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ھەرىكەت نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دائىم سىلاپ بېرىلگەن ھامىلىنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسىمۇ زېرەك بولىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈش، تۇتۇش، ئۆمىلەش، ئولتۇرۇش، مېڭىش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ يېتىلىشى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى: ھامىلىنى سىلاشتىن ئىلگىرى، ھامىلدار ئايال كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن ساقلىنىشى، ئەركىن، خۇشال ـخورام، تىنچ كەيپىياتنى ساقلىشى، ھەمدە كىچىك تاھارەتنى بوشىتىشى كېرەك. ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسى ئېلىپ بارغاندا، گەپلىشىش تەربىيەسى بىلەن مۇزىكا ئاڭلاش تەربىيەسىنى تەڭ ئېلىپ بارسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


ئاتا ـ ئانا قولى بىلەن ھامىلىنى سىلىغاندا ياكى يەڭگىل ئۇرغاندا، ھامىلدارنىڭ قورساق دىۋارى ئارقىلىق  ھامىلىگە يېتىپ بېرىپ،  تېگىش سېزىمىنى غىدىقلاپ، سەزگۈ نېرۋىسى ۋە نېرۋىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىلاش ئارقىلىق چېنىقتۇرغان ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكەت قىلىش كۈچى كۈچلۈك، سىرتقى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسى تېز بولىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈش، ئۆمىلەش، تۇرۇش، مېڭىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يېتىلىشى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

 ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسىنىڭ ئۇسۇللىرى:

1.ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى مۇزىكا ئاڭلاش تەربىيەسىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىش. ھامىلدار  ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئۆزىنى  ئەركىن قويۇۋېتىشى، ئىككى قولىنى قورسىقىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغا، سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە سىلىشى، قايتا ـ قايتا ئون قېتىم، كۆرسەتكۈچ بارمىقى ياكى ئوتتۇر بارمىقى بىلەن ھامىلىنى ئاستا بېسىپ ئاندىن ئەركىن قويۇپ بېرىشى كېرەك.

2.ھامىلدار بولۇپ 7~6 ئايدا، ھامىلىنىڭ تەن شەكلىنى سىلىيالايدۇ، شۇڭا تەۋرىتىپ چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ، ھامىلىنى ئاستا تەۋرىتىش، ئۇنى قورساقتا سەيلە قىلدۇرۇش كېرەك.

3.ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسىنى چۇقۇم ئېلىپ بېرىش تەكىتلىنىدۇ، بېشىدا ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، كونكرېت ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ، ھەر قېتىمدا  10~5 مىنۇت.

4.ناۋادا ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسىگە لىرىك مۇزىكا قوشۇلسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھامىلىنى سىلىغاندا ئىنكاسىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر ھامىلە بار كۈچى بىلەن تەپسە، سىلاشنى توختىتىش كېرەك. بالىياتقۇ تارىيىشى بالدۇر كۆرۈلگەن ھامىلدارلار ھامىلىنى سىلاش تەربىيەسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى