ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىققەت قىلدىغان ئىشلار

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىققەت قىلدىغان ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 690 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىققەت قىلدىغان ئىشلار


1.ئالدى بىلەن چوقۇم ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك: سىزنىڭ دەسلەپكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نەتىجڭىزگە ئاساسەن، دوختۇر سىزنىڭ خەتەرلىك ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئادەتتىكى تۇرمۇش پائاليەتلىرىدىن باشقا تەنتەربىيە پائاليەتلىرگە قاتناشسىڭز بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتىپ بېرىدۇ.  

2.ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقاندا، كىيىمنىڭ كەڭرى بولۇشىغا دىققەت قىلىشىڭىز ھەمدە پۇتىڭىزغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پاكار پاشنىلىق ئاياق كىيشىڭىز كېرەك. 

3.بەدەن قىززىتىش ھەرىكەتلىرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھامىلدارلارنىڭ مۇسكۇل ۋە بوغۇملىرى ھورمۇننىڭ تەسىرىدە بوشاپ كېتىدۇ، ئەگەر بەدەن قىززىتىش ھەرىكەتلىرنى ياخشى ئىشلىمىگەندە، ھەرىكەت جەرياندا مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنىڭ ئاسانلا زەخمىلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4.ئىسسىق يۈرۈشكە دىققەت قىلىش، سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ساقىلىنىش كېرەك. ھەرىكەتتىن كېيىن يۇيۇنغاندا ئۈستىدىن سۇ چۈشۈرۈپ يۇيۇنۇش، داسقا چىلانماسلىق كېرەك. چاچ يۇيغان ۋاقىتتا، ئەگەر ئۆزىگە قولايسىز بولسا، باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىش كېرەك، بىراق باشنى بەك تۆۋەن قىلىپ يۇيۇشقا بولمايدۇ. 

5.ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشتىن ساقلىنىش، تەۋرىنىشى كۈچلۈك بولغان ۋە جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك، ھەر قېتىملىق ھەرىكەت ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، يۈرەك سۇقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140تىن تۆۋەن بولۇش كېرەك، ئەگەر بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، ھامىلدارنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ، تومۇرلار بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. 

6.بوغۇملارنى ھەددىدىن زىيادە تارتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ھامىلدارلىق ھورمۇنى ھامىلدارنىڭ پۈتۈن بوغۇملىرىنى بوشتىۋېتىدۇ، شۇڭا ھەددىدىن زىيادە تارتقاندا بوغۇملارنىڭ زەخمىلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

7.ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك. ھەرىكەتتە سەرپ بولغان ئېنىرگىيەنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئانا بىلەن ھامىلە يېتەرلىك بولغان ئېنىرگىيە ۋە ئوزۇقلۇققا موھتاج. 

8.ھامىلدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىن كېيىن، دۈم يېتىپ ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ. تۆتىنچى ئايدىن كېيىن قورساق كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ، ھامىلىنى بېسۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۈم يېتىپ ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى