ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى دىئابىت دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-06-17
ئاۋاتلىقى: 532 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى دىئابىت دېگەن نېمە؟
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلى دېگىنىمىز ھامىلدارلىق مەزگىلدە كېلىپ چىققان دىئابىت كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىقتىن بۇرۇن ساغلام ھېچقانداق دىئابىت كېسىلى يوق، تۇغۇتتىن كېيىن كۆپىنچە كېسەللەردە قەنت مىتابولىزىمى ئەسلىدىكى نورممال ھالىتىگە قايتىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى دىئابىت كېسىلدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ؟
1.كۆپىنچە دىئابىت كېسلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلدار ئاياللاردا دىئابىت كېسىلنىڭ تىپىك بولغان ئۈچ كۆپ بىر ئاز ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، كۆپ ئىچىش ،كۆپ يېيىش ،كۆپ سىيىش، ئېغىرلىقى ئاشماسلىق ياكى ئېشىپ كېتىش ۋە ھامىلىدارلىق ھەپتىسى بىلەن ماس كەلمەيدىغان ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2.يەنە بىرقىسىم ھامىلدارلاردا ئۈچ كۆپ بىر ئازدەك تىپىك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، دائىم ماغدۇرسىزلىق، چارچاش، تېرىسى قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.