ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

ۋاقتى: 2016-07-02 ئاۋاتلىقى: 724 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

ھامىلدار ئاياللاردا كۆپىيىش سىستىمىسىنىڭ بىنورماللىقى( مەسىلەن: قوش بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ، بالىياتقۇ بوينى بەك قىسقا بولۇش، تىك پاسىللىق بالىياتقۇ)، بالياتقۇ بوينى بوشىشىش، بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىقلار.


جىددىي خاراكتېرلىق ياكى ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللەر، مەسلەن: ۋىروس خاراكتېرلىق جىگەر ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ۋىروس خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، قىززىش قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر؛ يۈرەك كېسىلى، دىئابىت، ئېغىر قان كەملىك، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللەر، تەڭ قوزغىلىدىغان ھامىلدارلىق يۇقىرى قان بېسىم ئۇنۋېرسال كېسىلى.
 
تاماكا چېكىش، زەھەر چېكىش، ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىش، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك. 


باشقلار. مەسىلەن: ئۇزۇن سەپەرگە چىقىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېگىزلىك رايونىدا ئولتۇراقلىشىش، ئۆي كۆچۈش، كەيپىياتىدا جىددىي تەۋرىنىش بولۇش قاتارلىق روھىي، جىسمانىي بېسىم؛ قورساق قىسمى بىۋاستە سوقۇلۇش، يارىلىنىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئوپراتسىيە جەريانىدا غىدىقلاش قاتارلىقلار.



بالا ھەمرىيى ئالدىدا بولۇش ۋە بالا ھەمرىيى بالدۇر ئاجراش، باش سۈيى كۆپ ياكى ئاز بولۇش، بىردىن كۆپ بالىغا ھامىلدار بولۇش، ھامىلە نورمالسىز بولۇش، بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىش، ھامىلىنىڭ ئورنى نورمالسىز بولۇش، مەسىلەن: توغرىسىغا تۇغۇلۇش، بولۇپمۇ بېشى ئۈستىگە پۇتى ئاستىغا بولىدىغان ئەھۋاللاردا تۇغۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي تۇرۇپلا ئاسانلا باش سۈيى يېرىلىپ، بۇرۇن تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    
سۈنئىي كۆپىيىش ۋە كۆپ بالىغا ھامىلدار بولۇش. مەسىلەن: قوشكىزەكلەر بالىياتقۇدا ناھايىتى تېزلا چوڭىيىپ، ئاسانلا بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىرسىيەت ياكى خروموسومدىكى نورمالسىزلىق مەسلىلىرى، مەسلەن: ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ نورمالسىزلىقى. ئېغىر بولغاندا بويىدىن ئاجىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېنىك بولغاندا بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ غەلىتىلىشىپ ئاي- كۈنى توشقاندا تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھامىلە قېپى بالدۇر يىرتىلىش، تىۋىتچە پەردە باش سۈيى قېپى ياللۇغى.

ھامىلەنىڭ بالاياتقۇدا ئۆسۈشى كېچېكىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى