ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

6 خىل گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تەربىيەسى

6 خىل گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تەربىيەسى

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 573 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

6 خىل گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تەربىيەسى

1.داڭلىق رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىش

ھامىلە بىلەن بىللە داڭلىق رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىش، ھامىلىنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ھېسسىياتىنى قوزغايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ھامىلدار ئانا ئادەتتە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان رەسىملەرنى تاللاش، چۈشىنىكسىز رەسىمنى تاللاشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى ئانا مۈشكۈل ۋە مەنىسىز ھېس قىلغاندا، ھامىلىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاش مۇمكىن ئەمەس.

2.بىر تەرەپتىن رەسىم سىزغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ھامىلىگە چۈشەندۈرۈش

رەسساملىقنى ياقتۇرىدىغان ھامىلدار ئانا رەسىم سىزىپ ئۇنىڭغا رەڭ بېرىش جەريانىدا ھامىلىگە مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. بۇ باسقۇچ ئارقىلىق ھامىلىگە پايدىلىق تەسىر يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

رەسىمنى چوقۇم ياخشى سىزىش شەرت ئەمەس، كۆڭلىدە پەرزەنتى بىلەن رەسىم سىزىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ، قانداق سىزىشتىن قەتئىينەزەر قەغەز يۈزىگە ئىپادىلەش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بىر تەرەپتىن رەسىم سىزغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ھامىلە بىلەن سۆزلىشىش، مەسىلەن:« قوزام، ئاپىڭىز بىلەن بىللە رەسىم سىزىڭ بولامدۇ؟ بۈگۈن بىز مەنزىرە سىزايلى. قايسىمىز چىرايلىق سىزالايمىز بەسلىشەيلى ماقۇلمۇ؟» دېگەندەك.

3.بىر تەرەپتىن خىيال قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ھامىلىنىڭ چىرايىنى سىزىش

يولدىشى بىلەن ھامىلىنىڭ چىرايىنى سىزىش، ھەمدە «بىزنىڭ بالىمىز چوقۇم بەك چىرايلىق، يۈزى قىزىل ئالمىدەك، تېرىسى ئاپپاق قاردەك.» دەپ ئويلاش كېرەك، بۇ چاغدا قورساقتىكى ھامىلىمۇ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، ئۇمۇ:« دادام ئاپام مېنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن» دەپ ئويلايدۇ.


4.رەسىملەر توپلىمىنى ھامىلىگە چۈشەندۈرۈش 

ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تەن ئېغىرلىشىپ، رەسىم سىزىش ئەپسىز بولىدۇ، كۆرگەزمىنى تېخىمۇ كۆرەلمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ رەسىملەر توپلىمىنى كۆرسە ياخشى.  بىر تەرەپتىن كۆرگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ھامىلىگە چۈشەندۈرۈپ:« قوزام، ئاپاش ھازىر بىر پارچە مەنزىرە رەسىم كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ بولسا گوللاندىيە، ئاۋۇ تەرەپتىكى شامالدا چۆرگىلەۋاتقان بولسا چاقپەلەك، يەنە رەڭگارەڭ كۈركۈم گۈلى، چىرايلىقمىكەن؟»

5.ھامىلىگە تەبىئەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش

ھامىلە سۇنىڭ ئېقىش ئاۋازى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئارام كۈنلىرى يولدىشى بىلەن بىللە ئەتراپتىكى باغچا ياكى دەرەخلىككە بېرىپ تەبىئەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،  ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالسا، ھامىلدار ئانىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ  ھامىلىنىڭمۇ كەيپىياتى ئازادە بولىدۇ، بېسىمىمۇ ئازىيىدۇ.

6.ئاپىسى بىلەن دادىسى ئېيتقان ناخشا

ھامىلدار بولۇپ يەتتىنچى ئېيىغا كەلگەندە، ھامىلىنىڭ ئاڭلاش سېزىمى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يېتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەر ـ ئايال ئىككىسى دائىم ھامىلىگە ناخشا ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. ياخشى ئېيتالمىسا ھېچقىسى يوق، قورساقنى سىلاپ تۇرۇپ، سۈزۈك ئاۋاز بىلەن ھامىلىگە ناخشا ئېيتىپ ھامىلىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرسا، بالا ھېسياتقا مول چوڭ بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى