ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئون چوڭ ئامىل

بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئون چوڭ ئامىل

ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 534 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئون چوڭ ئامىل

ئەمەلىيەتتە، ھەممىلا ئانا بولغۇچىدا بالدۇر تۇغۇلۇش كۆرۈلۈشى ناتايىن، پەقەت تۆۋەندىكى 10خىل خەتەرلىك ئامىل ساقلانغان ھامىلدار ئاياللارلا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.

كۆپىيىش يولى يۇقۇملىنىش تارىخى بولغۇچىلار. تۆۋەندىكى كۆپىيىش يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرى بولسا بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل، شۇڭلاشقا ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن يۇقۇملىنىشنى ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلدار ئايالنىڭ چىش ئەتراپى كېسەللىكىمۇ بالدۇر تۇغۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭلاشقا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ۋاقتىدا چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى داۋالاتقاندا بالدۇر تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

بالىياتقۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپۈش. كۆپىيىشىكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ، قوشكىزەك ۋە كۆپكېزەككە ھامىلدار بولغۇچىلار كۆپەيمەكتە، ئۇلار ئاسانلا  بىرلەشمە باش سۈيى كۆپ بولۇشقا گىرىپتار بولىدۇ، بالىياتقۇ بوشلۇقىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇرۇن بالدۇر تۇغۇش ياكى ئاخىرقى باسقۇچتا بويىدىن ئاجراپ كېتىش تارىخى بولغۇچىلارنىڭ بالدۇر تۇغۇش نىسبى يۇقىرى بولىدۇ. 

بالىياتقۇ يېتىلىشى بىنورمال، بالىياتقۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن، مەسىلەن:تىك پاسىللىق بالىياتقۇ، قوش بالىياتقۇ، يەككە بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ. 

بۇرۇن بالىياتقۇ ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ باققانلار: مەسىلەن بالىياتقۇ بوينىنى كۇنۇسسىمان كېسىش ياكى ئالدىنقى تۇغۇتى جىددىي بولۇش قاتارلقلار سەۋەبىدىن بالىياتقۇ بوينى زەخمىلەنگۈچىلەر.

پىسخىك ئامىل: ھامىلدار ئايال ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش، تىت-تىت بولۇش قاتارلىقلار بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

ھاراق-تاماكا ئىستېمال قىلغۇچىلار: ھامىلدار ئايال كۈنىگە 10دىن ئارتۇق تاماكا چەكسە ياكى ھاراق ئىچسە. 

ھاملىدارلىقتىن ئىلگىرى بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە يېنىك ياكى ئورۇق بولغۇچىلار.

ھامىلدار ئايالنىڭ يېشى ھەددىدىن زىيادە كىچىك ياكى چوڭ بولۇش، مەسىلەن 17 ياشتىن تۆۋەن 35 ياشتىن يۇقىرى بولغۇچىلار. 

ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىككە ياكى بىرلەشمە كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولسا.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى