ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار ئۇخلىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارـــــــ ھامىلدار ئاياللار ئۇخلىغاندىكى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى

ھامىلدار ئاياللار ئۇخلىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارـــــــ ھامىلدار ئاياللار ئۇخلىغاندىكى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى

ۋاقتى: 2015-02-23 ئاۋاتلىقى: 1022 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار ئۇخلىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارـــــــ ھامىلدار ئاياللار ئۇخلىغاندىكى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى

● سول يېنىنى بېسىپ ياتىدىغان ئاياللار ھەقىقەتەن كۆپ

نۇرغۇنلىغان بالا تەربىيەلەش توغرىسىدىكى كىتابلاردا، مۇتخەسسلەر ھامىلدار ئاياللارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى باسقۇچتىكى ھامىلدار ئايالارغا سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش تەكلىپىنى بېرىدۇ، بۇنداق قاراش ئاللىقاچان نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ بىراق، كۆپ ئاياللار ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا تۈرلۈك مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا، ھەتتا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بېشى قاتماقتا. 

ئەلفىرە خانىم 28 ياش، ھامىلدار بولغىلى 7 ئاي بولغان، دوختۇر ئۇنىڭغا ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سول يېنىنى بېسىپ يېتىش تەكلىپىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ھەركۈنى كەچتە شۇ بويىچە ئۇخلىغان، كېچىدە ئۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولدىشىنى كۆزىتىشكە قويغان. يولدىشىمۇ راستىنلا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كېچىسى ھەر سائەتتە بىر قېتىم كۈزەتكەن، جاڭ خانىمنى كىچىسى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 5 قېتىم ئويغىتىپ، يېتىش ھالىتىنى توغرىلاشنى ئەسكەرتكەن. بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئەر-ئايال ئىككىلىسى چارچاپ كېتىپ، دوختۇردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى مەسىلىسى ناھايىتى كۆپ ھامىلدار ئاياللارنى ئاۋارە قىلماقتا، مۇخبىر بەزى تورلارنىڭ ئانا بولغۇچىلار مۇنازىرە مۇنبىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايقىدى. كىتابتا ئېيتىلىشىچە، ھامىلدار ئاياللار سول يېنىنى بېسىپ يېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك، ئوڭدىسىغا ياكى ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتسا، ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدىكەن. كۆپچىلىك قانداق ئۇخلاش كېرەك؟ بۇ توغرىسىدا تورداشلار ئارىسىدا غۇل-غۇلا ناھايىتى كۆپ....


● ئانا بولغۇچىلار بىرلاخىل ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەكمۇ؟

ئانا بولغۇچىلار بىرلاخىل ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەكمۇ؟ ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇار ۋە ئاخىرقى باسقۇچىدا، ئەڭ ياخشىشى سول يېنىنى بېسىپ يېتىش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك. چۈنكى فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچىدا، بالياتقۇ تېز سۈرئەتتە يوغىنايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالياتقۇسى ئوڭ تەرەپكە ئاغىدۇ، سول تەرىپىنى بېسىپ يېتىش ھالىتىنى قوللانغاندا، يوغىنىغان بالىياتقۇ سۈيدۈك نەيچىسى، تۆۋەنكى كاۋاك ۋېنا، قورساق ئائورتىسىنى بېسىۋېلىشىنى ئازايتىپ، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. جىڭجۇ شەھەرلىك مەركىزىي خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ يالى: « ھامىلدار ئايالنىڭ بىرخىل ھالەتنى ساقلاپ ئۇخلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل يېتىش ھالىتىنى ساقلاشنى ئىمكان بار ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك» دېدى. 

جىڭجۇ شەھەرلىك ئۈچۈنچى خەلق دوختۇرخانىسنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاۋ جىيەنيۆ ئەسكەرتىپ ھامىلدار ئايال ئوڭدىسىغا ياتماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئوڭدىسىغا ياتقاندا، بالىياتقۇ تۆۋەنكى كاۋاك ۋېنانى بېسىۋېلىپ، يۈرەككە كىرگەن ۋە چىققان قاننىڭ مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەن قان بېسىم كۆرۈلىدۇ، ھامىلدار ئايالدا بېشى قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، بىئارام بولۇش، نەپسى قىسىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر، چىرايى سارغىيىش، پۇت قولى جانسىز بولۇش، سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سول يېنىنى بېسىپ يېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا قان بېسىم ئەسلىگە كېلىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاز كۆرۈلىدۇ.


●ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسى راھەت بولۇشنى ئاس قىلدۇ

«چوقۇم سول يېنىنى بېسىپ يېتش كېرەك» دەپ ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا ئوخشاشلا ھامىلە ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. جاۋ جىيەنيۆ: « ھەربىر ھامىلدار ئايال خاسلىققا ئىگە، شۇڭا راھەت ھېس قىلغان ئۇخلاش ھالىتى ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ھالىتىدۇر» دېدى. ۋاڭ يالى: « بەزى ۋاقىتتا ئوڭدىسىغا ياتسىمۇ، بېشىنى 30 گىرادۇس ئېگىز كۆتۈرۈپ ياتقاندا ئوڭدىسىغا يېتىش ئۇنۋېرسال كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ» دېدى. ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولىدۇ، ھامىلدار ئاياللارمۇ ھەم ئوخشاش. ئەگەر ئوڭدىسىغا ياتقاندا ئارتىرىيە تومۇرى بېسىلىپ قېلىپ يۈرەككە قايتىپ كېلىدىغان قاننىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئامال بار ئوڭدا ياتماسلىق كېرەك. 

ئەگەر ئويغىنىپ كەتكەندە ئۆزىنىڭ سول يېنىنى بېسىپ ياتمىغانلىقىنى بايقىسا، دەرھال سولدا يېتىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. ئەگەر بىئارام بولسا ئۆزى راھەت ھېس قىلغان ھالەتتە يېتىش كېرەك. ھامىلىنىڭمۇ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ ئۇخلاش ھالىتىڭىز ھامىلىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋاقىتتا ھامىلە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سىزنى ئويغىتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى