ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

ۋاقتى: 2015-08-04 ئاۋاتلىقى: 627 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

زۇكام دېگەن نېمە؟

زۇكام دېگىنىمىز، كۆپ خىل ۋىروسلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، ئادەتتە شامالدارىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكى. زۇكام كېلىنكىدا ئادەتتىكى زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكام دەپ ئايرىلىدۇ. 

ئالامەتلىرى

ئادەتتىكى زۇكام

1. پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامىتى يېنىك، يېنىك تىترەش، قىززىش، بېشى ئاغرىش.
2.بۇرنى پۈتۈپ قېلىش، پوتلا ئېقىش.
3. گېلى ئاغرىش، گېلى قۇرۇش، يېنىك يۆتىلىش، بەلغەم كېلىش.
4.كېسەللىك جەريانى ئادەتتە 5-7 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.
5.لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتە ئاق قان ھۈجەيرىسى نورمال ياكى ئېشىپ كېتىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام

تارقىلىشچان زۇكام بولسا تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك، تارقىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلىك ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر. دائىم ئۆپكە ياللۇغى ياكى ئېغىر بولغاندا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا تارقىلىشچان زۇكام ئادەتتىكى زۇكامدىن خەتەرلىك. 

1.قوزغىلىشى جىددى، قىززىش، بەدىنى كۈچسىز بولۇش، پۈتۈن بەدىنى سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىدە زەھەرلىنىش ئېغىر بولىدۇ. 
2.يۇقۇملانغان ۋىروسنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نەپەس يولىنىڭ يوقۇملىنىشنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ، كۆپ ئەھۋاللاردا چۈشكۈرۈش، بۇرنى ئېتىلىپ قېلىش، ماڭقا ئېقىش، گېلى ئاغرىش، يېنىك يۆتىلىش، ئازراق بەلغەم كېلىش قاتارلىقلار.
3.كېلىنكىلىق ئالامەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كېسەللىكنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئاددىي ئۆپكە ياللۇغى تىپىدىكى، زەھەرلىنىش تىپىدىكى، ئاشقازان-ئۈچەي تىپىدىكى دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئەھۋالى يېنىك بولغۇچىلار 2-3كۈنگىچە ئەسلىگە كېلىدۇ، ئېغىر بولغۇچىلار 1-2 ھەپتىگىچە ئەسلىگە كېلىدۇ. 
4.لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش: قاننىڭ چۆكمىلىشىشى تېزلىشىدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىدۇ، لىمفا ھۈجەيرىسى كۆپىيىدۇ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش ۋاقتىدا قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى