ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشلىرى

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشلىرى

ۋاقتى: 2016-03-13 ئاۋاتلىقى: 739 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشلىرى

1.بەدەن ئېغىرلىقى: ئىشتىھاسى ياخشىلىنىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىشقا باشلايدۇ؛

2.جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى:  ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ئۇ جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇ بوينىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ماددا بولۇپ، نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئاق، سۇيۇق، پۇراقسىز بولىدۇ. ئەگەر مىقدارى زىيادە كۆپ ھەمدە رەڭگى، كۆرۈنۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؛

3.پات-پات سۈيدۈك قىستاش: بالىياتقۇ چوڭىيىپ دوۋساق ۋە تۈز ئۈچەينى بېسىۋالغانلىقتىن دوۋساقنىڭ سىغىمى كىچىكلەپ كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، دائىم ھاجەتخانىغا بارغۇسى كېلىدۇ. ئانا بولغۇچىلار ھاجەتخانىغا بېرىشتىن قېچىپ قەستەن سۇنى ئاز ئىچمەسلىك، سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئادەتتە بۇ مەزگىلدە كۆپ سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ؛

4.قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت: بالىياتقۇ تۈز ئۈچەينى بېسىۋالغانلىقتىن بىئارامچىلىق كۆرۈلۈپ، قەۋزىيەت ياكى ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.


5.ئەمچەك ۋە بالىياتقۇ: ئانا بولغۇچىلار ئەمچەكنىڭ يوغىناپ ئەتراپى قارىداپ ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئېنىقلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئاز مىقداردا سۈت ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بىلىنەرلىك يوغىناپ، ھامىلىدارلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.

6.سېزىك --- بىئارامچىلىق ئاھۋالى يوقىلىپ، كەيپىياتى تۇراقلىشىشقا يۈزلىنىدۇ.

7.فىزىئولوگىيىلىك ئەسكەرتمە: ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا بالا ھەمرىيى يېتىلىپ بولىدۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش، تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، تېز يېتىلىۋاتقان ھامىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش زۆرۈر.

خۇلاسە: بۇ چاغدا ئانا بولغۇچىلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ئارام ئېلىش ۋە ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى