ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئېيىدىكى ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى
ۋاقتى: 2015-12-24
ئاۋاتلىقى: 739 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئېيىدىكى ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى
. ھەرىكەت مىقدارى: ئاز، كۈچسىز
. ئانىنىڭ ھېس قىلىشى: ئاجىز، روشەن ئەمەس
. ئورنى: قورساقنىڭ ئاستىنقى ئوتتۇرا قىسمى
ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيى(16-20ھەپتىلىرى) ئانا بولغۇچى ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەمدىلا ھېس قىلىشقا باشلىغان مەزگىل بولۇپ، ھامىلىنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ئاز، ھەرىكىتى كۈچسىز بولىدۇ، ئانا خۇددى ھامىلە بېلىققا ئوخشاش ئۈزۈپ كۆپۈكچە پۈۋلەۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ قورساق كۆپكەن، ئۈچەي لۆمۈلدىگەن ۋە قورساق ئاچقاندىكى تۇيغۇغا ئوخشاپ كەتكەچكە، تەجرىبىسىز ئانىلار كۆپىنچە ئايرىيالمايدۇ. بۇ چاغدا ھەرىكەت ئورنى كىندىك ئەتراپىغا يېقىنلىشىدۇ.