ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى خۇلاسىسى

ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-10-10 ئاۋاتلىقى: 693 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى خۇلاسىسى

1. ھامىلىدارلىقنىڭ تۆتىنچى ئېيىدا، كۆڭۈل ئېلىشىش ئالامەتلىرى ئاساسەن يوقاپ، ئىشتىھا نورماللىشىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ؛
2. ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ئۇ جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇ بوينىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ماددا بولۇپ، نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئاق، سۇيۇق، پۇراقسىز بولىدۇ. ئەگەر مىقدارى زىيادە كۆپ ھەمدە رەڭگى، كۆرۈنۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؛
3. بالىياتقۇ چوڭىيىپ دوۋساق ۋە تۈز ئۈچەينى بېسىۋالغانلىقتىن دوۋساقنىڭ سىغىمى كىچىكلەپ كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، دائىم ھاجەتخانىغا بارغۇسى كېلىدۇ. ئانا بولغۇچىلار ھاجەتخانىغا بېرىشتىن قېچىپ قەستەن سۇنى ئاز ئىچمەسلىك، سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئادەتتە بۇ مەزگىلدە كۆپ سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ؛
4. بۇ چاغدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بىلىنەرلىك يوغىناپ، ھامىلىدارلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.
5. ئانا بولغۇچىلار ئەمچەكنىڭ يوغىناپ ئەتراپى قارىداپ ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئېنىقلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئاز مىقداردا سۈت ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى