ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۆمۈر تولۇقلاشتىكى تەۋسىيىلەر

تۆمۈر تولۇقلاشتىكى تەۋسىيىلەر

ۋاقتى: 2016-02-16 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆمۈر تولۇقلاشتىكى تەۋسىيىلەر

1. تەركىبىدە لىمون كىسلاتاسى، ۋىتامىن A، C، ھايۋانات ئاقسېلى، فرۇكتۇزا،سوربىك ئالكوگول قاتارلىقلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛

2. تۇخۇم تەركىبىدە تۆمۈر مول بولسىمۇ، تۇخۇم سېرىقى يۇقىرى فوسفورلۇق ئاقسىلى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز بولغانلىقتىن كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. ئادەتتە كۈنىگە بىرنى يېسىلا مۇۋاپىق.

3. مېۋە تاركىبىدىكى ۋىتامىن C تۆمۈر تولۇقلاشقا پايدىلىق. مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلار تەركىبىدىكى مول ئورگانىك كىسلاتالار تۆمۈر بىلەن بېرىككەندە، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق؛

4. گۆش تۈرىدىكىلەر تۆمۈر تولۇقلاشتىكى مۇھىم تاللاش. مۇتلەق كۆپ قىسىم قىزىل قان ئېلېمېنتى تۆمۈرى ئاساسەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ساقلانغان بولىدۇ. پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىلسە، گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ تۆمۈر تولۇقلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. مەسىلەن، بوۋاقلارغا گۆش قىيامى يېگۈزۈش.

5. پالەك تۆمۈر تولۇقلىيالمايدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر ئاساسلىقى غەيرى قىزىل قان ئېلېمېنتى تۆمۈرى بولۇپ، ئاسان سۈمۈرۈلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پالەك تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتا تۆمۈر بىلەن بېرىكىۋېلىپ، سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

6. ئانا بولغۇچىلار تۆمۈرنى زىيادە تولۇقلىغاندا قىزىل قان ئاقسىلى نورمال سەۋىيەدىن ئېشىپ كېتىپ، ھامىلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بالدۇر تۇغۇش، بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولۇش ھەتتا تۇغۇت جەريانىدا كۆپ مىقداردا قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

خۇلاسە: تۆمۈر تولۇقلاشتا نېمىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؟ كۈنجۈت، قارا قېرىنقۇلاق، سېرىق چېچەكسەي، ھايۋانات جىگىرى، قىچا، موگو قاتارلىقلار ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. تۆمۈر تولۇقلاش بىلەن ماس قەدەمدە ۋىتامىن C  تولۇقلىغاندا، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى