ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلار سۈت پاراشوكىنىڭ قايسىسى ياخشى؟

ھامىلىدارلار سۈت پاراشوكىنىڭ قايسىسى ياخشى؟

ۋاقتى: 2016-01-24 ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلار سۈت پاراشوكىنىڭ قايسىسى ياخشى؟


1. نەسلېي ھامىلىدارلار سۈت پاراشوكى – 1000گراملىقى 120يۈەن، باشقا سۈت پاراشوكلىرىغا قارىغاندا، سۈت پۇرىقى تېخىمۇ قويۇق، ئەمما تەمى زىيادە تاتلىق بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئىچكەن سۈت پاراشوكلىرىنى قۇرۇقلا يېگەن تەمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئېرىشچانلىقى ياخشى، ئېنېرگىيىسى 420 كىلو كالورىيە بولۇپ، يۇقىرىمۇ ئەمەس.

2. مېززەنچېن ئەنيىڭ ئانىلار ھامىلدار ئاياللار سۈت پاراشوكى- 900گراملىقى 125 يۈەن. سۈت پۇرىقى ئۆتكۈر، تەمى زىيادە تاتلىقمۇ ئەمەس، ئادەمگە قەنتسىزدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئېنېرگىيە مىقدارى 380 كىلو كالورىيە بولۇپ، يۇقىرى ئەمەس، ئېرىشچانلىقى ياخشى، ئەمما قاچىنىڭ تېگىدە دائىم ئۇششاق قۇمسىمان دانىچىلەر قالىدۇ، كۆزىتىش ئارقىلىق بىرەر بىنورماللىق بايقىغىلى بولمايدۇ.

3. خۇيشى ئەيئېرلې ئانىلار ھامىلدار ئاياللار سۈت پاراشوكى- 900 گراملىقى 136يۈەن، سۈت پۇرىقى ئانچە ئۆتكۈر ئەمەس، ئاز تولا بەتبۇي پۇرىقى بار، ئادەتلىنىپ كەتكەندە مەززىلىك پۇرايدۇ. ئېرىشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى، تولۇق ئارىلاشتۇرۇلسىلا، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئىستاكاننى سۇ بىلەن چوتكىلاپ يۇيۇۋەتسىلا قالدۇق قالمايدۇ. تاتلىق ئەمەس، سەل مايلىق، ماي تەركىبى يۇقىرىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنتايىن ياخشى. 

4. ياپېيجىنجۇاڭ ئانىلار شىكاڭباۋ سۈت پاراشوكى- 700 گراملىقى  150 يۈەن. باھاسى قىممەترەك، يەنە كېلىپ قوشۇقى چوڭ بولغانلىقتىن، بەرىكىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ياخشى، ئىسسىق تۇتۇۋالمايدۇ، ئەمما تەمى تازا ياخشى ئەمەس، سۈت تەمى يوق، ماي، شېكەر مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ئېنېرگىيە مىقدارى ئارانلا 360 كىلو كالورىيە ئەتراپىدا. تەركىبىدە ھازىر تولۇقلاش مودا بولۇۋاتقان تەركىب “DHA” يوق، يەنە كېلىپ ئېرىشچانلىقى تازا ياخشى ئەمەس، ئىچكەندە ئادەمنى سەمرىتىۋەتمەيدىغاندەك بىلىنىدۇ.


5. دومېيزى ئانىلار سۈت پاراشوكى- 900 گراملىقى 126 يۈەن، دانىچىلىرى ئىنتايىن ئۇششاق، سۈت پۇرىقى ئادەتتىكىچە، ئىچكەندە تەملىك بىلىنىدۇ. ماي تەركىبى يۇقىرىراق، تاتلىق ئەمەس، ئېنېرگىيە مىقدارى 375 كىلو كالورىيە ئەتراپىدا بولۇپ، يۇقىرى ئەمەس، ئېرىشچانلىقى ئادەتتىكىچە.

6. ياشىلى جىنجۇاڭ ھامىلدار ئاياللار سۈت پاراشوكى- 900 گراملىقى 100 يۈەن. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماللار يەنىلا ئەرزان-دە. تەمى نەسلېينىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، دانىچىلىرى چوڭراق، ئېرىشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى، ئۆزۈمدىكى مەسلىمۇ بىلمىدىم، ئىچىۋاتقان مەزگىلدە قورسىقىم كۆپۈپ، دائىم يەل كېلەتتى، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن باھاسىغا قارىغاندا ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ.

خۇلاسە: قايسى خىلدىكى سۈت پاراشوكى ياخشى؟ ئەگەر تەمى قويۇق، تاتلىق بولۇشنى ياقتۇرسىڭىز ياشىلى، خۇيشى، نەسلېي، تەمى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان پاراشوكنى ياقتۇرسىڭىز دومېيزى، مېيزەنچېن، ياپېيلارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى