ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار قايسى ۋاقىتتا سۈت ئىچسە مۇۋاپىق؟

ھامىلىدار ئاياللار قايسى ۋاقىتتا سۈت ئىچسە مۇۋاپىق؟

ۋاقتى: 2016-06-22 ئاۋاتلىقى: 671 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللار قايسى ۋاقىتتا سۈت ئىچسە مۇۋاپىق؟

1. سۈتنى تاللىغاندا، ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىغا، ساقلاش ئۇسۇلىغا ئېتىبار بېرىش لازىم. ساقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاندا ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت، زاۋۇت ئادرېسى قاتارلىقلارغا قاراش، ئەڭ ياخشىسى داڭلىق ماركىلىقلىرىنى تاللاش كېرەك. 

2. ئەگەر ئىشتىھاسى ناچار، تامىقى ئاز بولساسۈتكە %5-3 ئەتراپىدا شېكەر قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ؛ قاندىكى قەنت تەركىبى يۇقىرىلار، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە يۇقىرىلار، سېمىزلەر قەنتسىز ياكى مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتنى تاللىغان ياخشى؛ لاكتوزىغا زىيادە سېزىمچانلار قېتىق ئىچسە ياكى دەسلەپتە ئاز مىقداردىكى يېڭى، ساپ سۈتتىن مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتسە بولىدۇ. ئانا بولغۇچىلاردا بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا مىقدارىنى ئازايتىش ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەڭشەش كېرەك.

3. ئەتىگەندە ئاچ قورساق پېتى ئىچىشتىن ساقلىنىش، سۈت ئىچىشتىن ئاۋۋال ناشتا قىلىۋېلىش لازىم. ناشتىلىققا پەقەتلا سۈت ئىچكەندە ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. 

4. كەچتە ئىچكەندە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. كەچلىك تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىن ياكى ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن سۈت ئىچكەندە ئۇيقۇسىزلىققا بەلگىلىك پايدىسى بار. چۈنكى سۈت تەركىبىدىكى ترىپتوفان ئۇيقۇغا پايدىلىق.

5. سوغۇق ياكى ئىسسىق ئىچىش مەسىلىسىگە كەلسەك، قايناتقاندا ئاقسىل مىقدارىدا كېمىيىش كۆرۈلسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن خورىشى كۆپ بولمايدۇ، شۇڭا قانداق ئىستېمال قىلىشنى ئادەتلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاشقازان ئۈچەينىڭ سوغۇق سۈتكە بولغان ماسلىشىشچانلىقىغا قاراپ بەلگىلەشكە بولىدۇ. 
خۇلاسە: ئەتىگەن-كەچتە بىر ئىستاكاندىن سۈت ئىچىش پايدىلىق، ئەمما ئاچ قورساق ئىچمەسلىك كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى