ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار نەشپۈت يېسە بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار نەشپۈت يېسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-14 ئاۋاتلىقى: 699 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللار نەشپۈت يېسە بولامدۇ؟

نەشپۈت شىرنىلىك، يېيىشلىك ،تاتلىق سوغۇق، ئازراق چۈچۈمەل، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، سۈيدۈك ھەيدەش، كاناينى سىلىقلاشتۇرۇپ بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەكنى ياشارتىپ ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى تازىلاش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ خىلىتلارنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈپ جىگەرنى ئاسراش، ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە، ئۆپكە ۋە جىگەرنىڭ ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دۈملەپ پىشۇرۇلغان نەشپۈتنى كۆپ يەپ بەرگەندە ئېغىزدىكى خىلىتنى كۆپەيتىپ، ئېغىز قۇرۇش، لەۋ يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كاناينى ئاسراپلا قالماي، ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. نەشپپۈتنىڭ ئۇرۇقىنى ئويۇۋېتىپ 10گرام ناۋات، 5 گرام سوغىگۈل سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ سۇس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇپ، نەشپۈتنى يەپ سۈيىنى ئىچكەندە، سىرتقى سوغۇق، يۆتەل ۋە بەلغەمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. 

نەشپۈتنىڭ رولى:

نەشپۈت كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن مېۋە بولۇپ، شىرنىلىك، تەملىك بولۇپلا قالماي، تەركىبىدە مول ۋىتامىن، سىللۇلۇزا، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، يود قاتارلىق مۇھىم ئېلېمېنتلار بار.

1. دائىم نەشپۈت يەپ بەرگەندە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، بەدەندىكى راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
2. ئوتتۇرا ياش- ياشانغانلار نەشپۈتنى كۆپ يەپ بەرسە ئىچكى ئەزالارنى تازىلاپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىىنى ئاشۇرىدۇ؛
3. نەشپۈت يەنە ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئۈچەي ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە؛
4. تاماقتىن كېيىن، بولۇپمۇ قاقلاپ پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن بىرتال نەشپۈت يېگەندە، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولۇپ، بۇ بىر خىل ساغلام تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5. تاماكا چەككۈچىلەر نەشپۈتنى كۆپ يەپ بەرگەندە ئۆپكىنى ئاسراپلا قالماي، 1-گىدروكسىپىرىن توكسىنسنىڭ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تاماكا چېكىپ 6 سائەتتىن كېيىن يېسە مۇۋاپىق. 


سەمىمىي ئەسكەرتىش:

1.نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولغانلىقتىن، زىيادە كۆپ يېگەندە ئاشقازان، تالغا پايدىسىز، شۇڭا تال، ئاشقازان ئاجىز بولغانلار كۆپ يېمەسلىكى كېرەك؛
2. نەشپۈت تەركىبىدە مېۋە كىسلاتاسى كۆپ بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كەتكەنلەر كۆپ يېمىگەن ياخشى؛
3. نەشپۈت سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، شۇڭا كېچىسى كۆپ سۈيسۈك قىستايدىغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاز يېيىش لازىم.
4. قان ئاجىز، ئاشقىزىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن، ئىچى سۈرگەن، قول- پۇتى مۇزلايدىغانلار كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپ يېمەسلىكى، يېگەندىمۇ ئەڭ ياخشىسى پىشۇرۇپ يېيىشى كېرەك. 
5. نەشپۈت تەركىبىدە مېۋە كىسلاتاسى كۆپ بولغانلىقتىن ئىشقارلىق دورىلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، مەسىلەن،ئامىنوفىللىن، ناترىي بىكاربونات قاتارلىقلار؛ ئىچى سۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىسقۇچپاقا بىلەن بىرگە يېمەسلىك لازىم.
6. نەشپۈتنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، شۇڭا دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ئېھتىيات قىلىشى زۆرۈر؛
7.يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمىگە يەتمەكچى بولغانلار قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان سورتلىرىنى تاللىمىغان ياخشى.

ئومۇمەن، ھامىلىدار ئاياللار نەشپۈتنى كۆپ يېسە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ جىگەرنى ئاسراش، ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما دىئابېت كېسىلى بارلار كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى