ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار ئالما ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار ئالما ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 722 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللار ئالما ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

ئالمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەملىك، شىرنىلىك بولۇپ، ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمىنىڭ قارىشىچە ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا ئالما يەپ بەرگەندە ئانا بالىنىڭ ساغلاملىقىغا ئوخشاشلا پايدىلىق بولۇپ، ھامىلىدىكى دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. 

 ئالما تەركىبىدە سىنك مول بولۇپ، ئامېرىكا تىببىي مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدە سىنك يېتەرلىك بولسا، تۇغۇت تېز ھەم ئوڭۇشلۇق بولۇپلا قالماي تۇغۇت ئازابىمۇ كۆرۈنەرلىك يەڭگىللەيدۇ.

ھامىلىدار ئاياللار سىنك تولۇقلىسا تۇغۇتقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالما تەركىبىدىكى يودنىڭ مىقدارى باناننىڭ 8 ھەسسىسىگە، ئاپلىسىننىڭ 13 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالما تەملىك، يېيىشلىك بولۇپ، ئىشتىھانى ياخشىلاپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئالما يەپ بەرگەندە ۋىتامىن C  قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپلا قالماي، سۇ، تۇز، ئېلېكترولتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ كۆپ ياندۇرۇشتىن كېلىپ چىققان كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بەزى ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىگە بارغاندا يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئالما تەركىبىدىكى مول كالېي بەدەندىكى ناترېينىڭ چىقىرىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بېسىمىغا قارىتا داۋالاش رولىغا ئىگە. ياپونىيە تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا ھەركۈنى ئۈچ تال ئالما يەپ تۇرغاندا قان بېسىمنى نورمال ساقلىغىلى بولىدىكەن.

قەۋزىيەت ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۈچ چوڭ كېسەللىكنىڭ بىرى بولۇپ، ئالما تەركىبىدىكى مول سىللۇلۇزا ۋە ئورگانىك كىسلاتالار ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چوڭ تەرەتنىڭ ھەجمىنى كىچىكلىتىپ ۋە يۇمشىتىپ چىقىرىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى