ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار ماروژنى يېسە بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار ماروژنى يېسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-01-15 ئاۋاتلىقى: 617 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللار ماروژنى يېسە بولامدۇ؟

كۆپ يېمەسلىكى، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تارىيىپ بالا چۈشۈپ كېتىش خەۋپىنى يۇقىرىلىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكان بار يېمەسلىكى كېرەك. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەيدىكى قان تومۇرلار تۇيۇقسىز قىسقىراپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، نەتىجىدە ئىشتىھا ناچارلىشىش، ھەزىم قىلىنىش ياخشى بولماسلىق، ئىچى سۈرۈش، ھەتتا ئاشقازان تارتىشىپ قالغانلىقتىن قورساق قاتتىق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كاناي قاتارلىق نەپەس يولىنىڭ شىللىق پەردىلىرى كۆپىنچە قان تولغان ھەتتا سۇلۇق ئىششىغان ھالەتتە بولىدۇ، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا كېڭىيىش ھالىتىدە تۇرغان قان تومۇرلار تۇيۇقسىز قىسقىرىپ قان ئېقىم مىقدارى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ-دە، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ يۇتقۇنچاق، كاناي، بۇرۇن، ئېغىز بوشلۇقىدا يوشۇرۇنغان باكتېرىيىلەرگە پۇرسەت يارىتىلىپ گال ئاغرىقى، يۆتەل، باش ئاغرىقى، ئېغىر بولغاندا يۇقىرىقى نەپەس يولى ياللۇغلىنىش ياكى بادامبەز ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلىمۇ سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، سوغۇق يېمىكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە ھامىلىنىڭ ئارامسىزلىنىپ كۆپ ھەرىكەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق يېمەكلىكلەرنڭ مىقدارىغا چەك قويۇش زۆرۈر.


مۇتەخەسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھامىلىدار ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا سوغۇق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتلاردا ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما كۆپ يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى سوغۇق يېمەكلىكلەر قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالا ھەمرىيىنىڭ ھامىلىگە تەمىنلەپ بېرىدىغان قان مىقدارى ئازىيىدۇ دە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پاسسىپپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

ياز كۈنلىرىدە ھامىلىدار ئاياللار سۇنى كۆپ ئىچىشى، مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلار ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، سوغۇق ئىچىملىك، يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشى كېرەك. سۈت، پۇرچاق سۈتى، كۆكتات، مېۋە شەربەتلىرى، جۇخار گۈلى چېيى، لىمون چېيى، دۇفۇ قېتىقى  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى