تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈت چىقىرىشىغا قانداق ياردەم قىلىنىدۇ؟
ۋاقتى: 2015-11-04
ئاۋاتلىقى: 954 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللار ئەمچىكىنى يىنىك ئۇۋلاش، سىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمچەكنى غىدىقلاپ تۇرغاندا، تۇغۇتتىن كېيىن سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا قولايلىق بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن ئانا بالا ئىمكانقەدەر بالدۇر ئۇچرىشىشى كېرەك، بالا توغۇلۇپ 30 مىنۇتتىن كېيىنلا بوۋاققا ئانىنىڭ ھەر ئىككى ئەمچىكىنى 3-5 مىنۇتقىچە ئەمدۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا تۇنجى سۈتنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ كىچىكلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.