ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

ۋاقتى: 2015-11-28 ئاۋاتلىقى: 720 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆپلىگەن ئانىلار بىلىدۇكى، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن باققاندا بالىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ۋە بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پايدىلىق تەرەپلىرى بار، لېكىن ئانىلارنىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى، سالامەتلىك ئەھۋالى، روھى ھالەت جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ سەۋەبىدىن، ئوخشاش بولمىغان ئانىلارنىڭ سۈتىدىكى بوۋىقىغا بېرىدىغان ئوزۇقلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.


يېقىنقى تېببىي تەكشۈرۈش تەتقىقات دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇق ئانىلارنىڭ ئانا سۈتى بىلەن چەتئەللىك ئانىلارنىڭ ئانا سۈتىنى سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇق ئانىلارنىڭ ئانا سۈتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن:



ئەۋزەللىك
ئاقسىل مىقدارى چەتئەل سەۋىيەسىدىن سەل يۇقىرى بولۇپ بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
ئامىنو كىسلاتاسى مىقدارى مول بولۇپ بالىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.
ماي كىسلاتاسى مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، مېڭە نېرۋىلىرى ۋە  نېرۋا يىلىك غىلىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق.
تۆۋەن پولىمېرلىق قەنتنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، بۇ ماددا بوۋاقلار تېنىدىكى قوش ئاچىلىق تاياقچە باكتېرىيەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھالبۇكى بۇ خىل ماددىنى كالا سۈتى تەركىبىدىن ئاساسەن تاپقىلى بولمايدۇ.
ئۆسۈشنى چەكلىگۈچى ھورمۇن مىقدارى يۇقىرى بولۇپ بۇ خىل ماددا ئاساسلىقى باشقا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى چەكلەيدۇ ۋە تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.
لپتىن ھورمۇنى مىقدارى مول، بۇ خىل ھورمۇن بوۋاقنىڭ بالىياتقۇ سىرتىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.


كەمچىلىكى
ماي مىقدارى ئازراق تۆۋەن، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چۈنكى ماي مىقدارىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنىڭ تولۇق بولۇشى بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى.
كالتسىي مىقدارى تۆۋەن، بۇ ئانىنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ناترىي خىلورىد مىقدارى زىيادە يۇقىرى، بۇ ئانىنىڭ قوبۇل قىلغان تۇز مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ بىلەن بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەن بوۋاقنىڭ بۆرەك ئېرىگۈچى يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

DNA مىقدارى دۆلەت سىرتىنىڭكىگە قارىغاندا ئاز. DNA يەنى مېڭە ئالتۇنى، بوۋاقلارنىڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىر قىسىم ئانىلار دېڭىز بېلىقلىرىنى ئاز يەيدۇ ياكى يېمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈت تەركىبىدىكى DNA مىقدارى چەتئەل سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇپ قالغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئامىللار ئانا سۈتى سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. ئانا ئىچكەن ھەر خىل دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانا سۈتىگە كىرىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، يەنى %80 دىن ئارتۇق تۈردىكى دورىلار ھەممىسى سۈت تەركىبىگە كىرىدۇ. ئانا بولغۇچى دورا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئانا سۈتىنى كۆپەيتىدىغان دورىلاردىن باشقا، بەزى دورىلار ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. مەسىلەن، ئانا بولغۇچى ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىسى، ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2. ئانىدا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، سۈت تەركىبىدە يەنە زەھەرلىك ماددىلار پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئانا بولغۇچىدا ۋېتامىن B12 ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاندا، ئانا سۈتىدە ناترىي پىرۇۋات، مېتىل كلىتسېروئالدېگىد  قاتارلىق ماددىلار پەيدا بولۇپ، بوۋاقنى ئېمىتكەندە بوۋاقنىڭ زەھەرلىنىشى ھەتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئانىلارنىڭ تاماكا چېكىشى، ھاراق ئىچىشىمۇ ئېمىتىشكە پايدىسىز، چۈنكى نىكوتىن ۋە ئىسپىرتمۇ سۈت تەركىبىگە كىرەلەيدۇ-دە، بوۋاققا زىيان يەتكۈزىدۇ.
4. ئانا بولغۇچى ئۇزۇن مۇددەت زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچراشسا، مەسىلەن، خىزمەت قىلىدىغان مۇھىتتا قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق ماددىلاردىن بۇلغىنىش بولسا، بۇمۇ ئانا سۈتىدە بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى