ئەر-خوتۇنلۇقتىكى جىنسىي ئىنكاس جەريانلىرى
ۋاقتى: 2015-04-06
ئاۋاتلىقى: 729 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق لەززەتلىك جىنسىي تۇرمۇش تەن ۋە روھنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان مۇكەممەل جەريان بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇش-بولماسلىقى ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىدىن تارتىپ سالامەتلىكىگىچە، خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىش-قازانماسلىقىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلاردىكى جىنسىي تۇرمۇش ھەۋەس قوزغىلىشتىن تارتىپ تاكى تىنچلانغىچە بىر «ئاساسىي تەرتىپ» بىلەن داۋاملىشىدۇ. ھازىرقى زامان جىنسىيەت ئالىمى ماستېرىن بىلەن جونسۇن جىنسىي ئىنكاس جەريانىنى جىنسىي قوزغىلىش، ھېسسىيات داۋاملىشىش، يۇقىرى پەللە، پەسىيىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلگەن.