نېمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالمايدۇ؟
ۋاقتى: 2013-10-28
ئاۋاتلىقى: 622 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. بەزى ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىققا سەل قارايدۇ، قانداق قىلىپ ئايالىنىڭ جىنسىي سەزگۈر ئەزالىرىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئايالىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشنى بىلمەيدۇ.
2. ئەرلەرنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى تېز بولىدۇ، 3 مىنۇتتىن 5 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتىلا يۇقىرى پەللىگە يېتەلەيدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى ئاستا بولۇپ ئادەتتە 10 مىنۇتتىن، ھەتتا بەزىلەرنىڭ يېرىم سائەتتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا، ۋاقىت جەھەتتىكى پەرق ئاياللارنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. بەزى ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئاساس قىلىپ ئالدىراپ مەنىي قويۇۋېتىدۇ، ئايالىنىڭ ھۇزۇرلىنىش-ھۇزۇرلانماسلىق بىلەن كارى بولمايدۇ.
ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلى يۇقىرى پەللىگە يېتەلمەيدىغان ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ-دە، سالامەتلىكىگە، ھەتتا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتكىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئايالىدىكى جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماسلىقنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى دوختۇر يەنىلا ئەر كىشىدۇر.
ئەلۋەتتە بالىياتقۇ بوينى يارىسى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ ئاياللاردىكى جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن، جىنسىي ھەۋەس ئەسلىگە كېلىدۇ.