ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قارا شېكەر ئىستېمال قىلىش ۋاقتى ئون كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قارا شېكەر ئىستېمال قىلىش ۋاقتى ئون كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك

ۋاقتى: 2016-04-07 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قارا شېكەر ئىستېمال قىلىش ۋاقتى ئون كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك

 

ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن قارا شېكەر ئىستېمال قىلىدۇ، چۈنكى قارا شېكەر تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق، بىراق مىقدارى كۆپ، ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ كەتسە، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا زىيانلىق.
ئادەتتە، كۆپىنچە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ نىپاس خۇنىنىڭ ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، شىرنىلىك قاننىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى تەخمىنەن 20 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن نىپاس خۇنى كەلمىسە ياكى بەك ئاز كەلسە، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئىستېمال قىلىپ قاننى جانلاندۇرسا بولىدۇ.
ئەگەر، تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تارىيىشى ياخشى، نىپاس خۇنىنىڭ رەڭگى ۋە مىقدارىمۇ نورمال بولسا قارا شېكەرنى ئىستېمال قىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، نىپاس خۇنى كۆپىيىپ ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىش خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى پەيدا قىلىپ، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. قاندىكى گىلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئېشىپ، مايلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تۇغۇتلۇق ئاياللار قارا شېكەر ئىستېمال قىلىش ۋاقتىنى ئون كۈن ئەتراپىدا كونترول قىلىشى، كۈندىلىك مىقدارىنى 20 گىرامدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. قارا شېكەردە ئارىلاشمىلار كۆپ بولغاچقا، قاراشىكەر سۈيىنى ئەڭ ياخشىسى ئارىلاشمىلار تىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىچىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى