ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇت ئالدىدىكى دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىلارنىڭ سومكىسى

تۇغۇت ئالدىدىكى دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىلارنىڭ سومكىسى

ۋاقتى: 2016-07-25 ئاۋاتلىقى: 594 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئايالىنىڭ كۆزى يورۇش ئالدىدا، تۇغۇلغۇسى بوۋاقنىڭ دادىسى تەييارلانغان لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ. جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۇ چوقۇم ئۆزى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇلارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇش زۆرۈر.
ئاددىي يۇيۇش بويۇملىرى ــــ تۇنجى تۇغۇت جەريانى ئادەتتە بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، كېچىلەپ ساقلاش نورمال ئەھۋال. سىز چاچلىرىڭىز پاخپايغان، ساقاللىرىڭىز ئۆسۈپ كەتكەن ھالەتتە بوۋىقىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشنى خالامسىز؟ تۇنجى تەسىرگە دىققەت قىلىڭ جۇمۇ!
ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئەرمەك بويۇم ـــــ ئايالىڭىزنى مىڭ تەسلىكتە تۇغۇت ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپمۇ ئازادىلىك ھېس قىلالمايسىزغۇ دەيمەن؟ بۇ ۋاقىتتا بىر سائەتمۇ بىر يىلدەك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز كىتاب، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋالغان بولسىڭىز ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۇنچە تەس بىلىنمەيدۇ.
رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتى ياكى سىنئالغۇ ـــــ  ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇت ئۆيىدىن چىققانلىقى، ئوماق قوزىڭىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىدەك ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى خاتىرە قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن باتارىيەسى تولۇق بولغان رەسىم ئاپپاراتى ياكى سىنئالغۇ كەم بولسا بولماس؟!
تېلېفون نومۇرى ــــــ ئايالىڭىز ۋە بوۋىقىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن كۆڭلىڭىز جايىغا چۈشۈپ، ئۇرۇغ-تۇققان، دوست-يارەنلىرىڭىزگە تېلېفون قىلىشقا ئالدىرايسىزغۇ دەيمەن؟ بىراق خۇشاللىقىڭىزدا ئۆز ئۆيىڭىزنىڭ نومۇرىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز نورمال ئەھۋال. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى لازىملىق تېلېفون نومۇرلىرىنى ئالدىن ئوبدان تەييارلىۋېلىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى