ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇت ئالدىدىكى ئانىلارنىڭ نەرسە-كېرەك تىزىملىكى

تۇغۇت ئالدىدىكى ئانىلارنىڭ نەرسە-كېرەك تىزىملىكى

ۋاقتى: 2016-03-07 ئاۋاتلىقى: 638 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاق ئۈچۈن لازىملىق بۇيۇملار:
بوۋاقلار كارىۋىتى ـــــ كونا بولسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ياغاچتىن ياسالغان، پۇختا، سىلىق بولۇشى كېرەك. كارىۋاتنىڭ ئېگىزلىكى چوڭلار كارىۋىتى بىلەن ئوخشاش بولسا، كارىۋاتنى ئانىسىنىڭ كارىۋېتى يېنىغا قويغاندا بىر قەدەر قولاي بولىدۇ.
كارىۋات بۇيۇملىرى ـــــ يوتقان-كۆرپە، ئۇخلاش خالتىسى، پاشىلىق، سۇ ئۆتكۈزمەس كىرلىك، كارىۋات ئورىغۇچ. بۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى چوقۇم كارىۋات بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياستۇققا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، دەسلەپكى ئۈچ ئايدا بىر لۆڭگە تەييارلاپ، ئۇنى قاتلاپ بوۋاقنىڭ بېشىغا قويۇش، پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش لازىم. ئۈچ-تۆت ئايدىن كېيىن ياستۇق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 
يۇيۇنۇش سايمانلىرى  ـــــ  كىچىك داستىن ئىككى دانە، يۇيۇنۇش دېسى، بەدەن لۆڭگىسى، يۇيۇنۇش كارىۋېتى(تورى)،  چوڭ-كىچىك داكا قاتارلىقلار. يۇيۇنۇش دېسى بەك كىچىك ياكى تېيىز بولۇپ قالماسلىقى، گۈللۈك، سىرلانغان بولماسلىقى لازىم. يۇيۇنۇش كارىۋېتى (تورى)  داسقا سېلىپ قويۇلىدىغان كىچىك جازا بولۇپ، 6 ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارغا ماس كېلىدۇ. يۇيۇندۇرغاندا بوۋاقنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بىر قولدا بېشىنى تېرەپ تۇرۇپ يەنە بىر قول بىلەن يۇغاندا بىر قەدەر ئەپلىك بولىدۇ. داكىنى تاللا بازىرىدىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. چوڭ داكا يۇيۇندۇرۇشقا، كىچىك داكا يۈزىنى يۇيۇشقا ياكى سۈت ئىچكەندىن كېيىن ئېغىزىنى سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. داسقا تېرمومېتىر سېلىپ قويۇپ ھەر ۋاقىت سۇ تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئادەتتە 37-40 گرادۇس بولسا مۇۋاپىق.
يۇيۇنۇش بويۇملىرى ـــــــ   چاچ سوپۇنى، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى، تېرە ئاسراش بويۇمى، ساغرا ئاسراش مېيى، ئۇپا قاتارلىقلار. بوۋاقلارنىڭ بېشىنى يۇغاندا چاچ سوپۇنى ئىشلەتمەستىن بىۋاسىتە يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى قوشۇلغان سۇدا يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ. 
كىيىم-كېچەك ـــــ  ئىچ كىيىم، پاختىلىق چاپان، پوسما، پايپاق، يۆگەك، ئىسسىق ساقلاش كىيىملىرى، بوۋاقلار مەخسۇس كىيىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، زاكا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار. بوۋاقلارنىڭ كىيىمى پاختا رەختتىن تىكىلگەن، يۇمشاق، تىكىلىشى سىپتا بولۇشى، بوۋاقنىڭ يۇمران تېرىسىنىڭ سۈركىلىپ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. تىكىشى سىرتقا قارايدىغان كىيىملەر بولسا تېخىمۇ ياخشى. كىيىمنىڭ پاسونى جەھەتتە ئالدى تۈگمىلىك كىيىملەرنى تاللىغان ياخشى. چۈنكى بۇنداق كىيىملەر ئىسسىق ساقلاپلا قالماي، كىيدۈرۈش ۋە سالدۇرۇش بىر قەدەر قولايلىق. بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى ئادەتتىكى سوپۇن پاراشوكىدا يۇيۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن، غىدىقلاش تەسىرى بولمىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.
تازىلىق بويۇملىرى ــــــــ   سۈيدۈك لاتىسى، زاكا، بىر قېتىملىق سۈيدۈك توسۇش تەگلىكى، يۇمشاق ھۆل قەغەز، يۇمشاق تازىلىق قەغىزى قاتارلىقلار. سۈيدۈك لاتىسىنى يۇمشاق كونا رەختلەردىن ئۆزى ياسىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ، قەغەز زاكا سۈيدۈك لاتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇلغاندا  بوۋاقنىڭ كىيىمىنىڭ بۇلغىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. كېچىدە قەغەز زاكا ئىشلىتىش بىر قەدەر قولايلىق. بوۋاق تېز ئۆسكەنلىكتىن، كىچىك نومۇرلۇقىنى بىراقلا بەك كۆپ ئېلىۋالماسلىق لازىم. بىر قېتىملىق سۈيدۈك توسۇش تەگلىكى توقۇماي ئىشلەنگەن بىر قەۋەت نېپىز رەخت بولۇپ، زاكا ئارىسىغا قىستۇرغاندا، بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى تەگلىكتە يىغىلىپ، سۇ تەركىبى زاكىغا ئۆتىدۇ، بوۋاق چوڭ تەرەت قىلغاندا، تەگلىكى ئېلىۋېتىلسىلا، زاكىنى يۇيۇش كۆپ ئاسانلىشىدۇ. ئۇنى تاللا بازارلىرى ۋە مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. يۇمشاق ھۆل قەغەز بوۋاقنىڭ چوڭ تەرەتتىن كېيىنكى تازىلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ، تازىلاش، نەملىكنى ساقلاش، تېرە ئاسراش رولىغا ئىگە بولۇپ ئىنتايىن قولايلىق.
يېمەكلىك بېرىش بويۇملىرى ـــــــ ئېمىزگە بوتۇلكا، ئېمىزگە، بوتۇلكا چوتكىسى، ئىسسىق ساقلىغۇچ. ئېمىزگە بوتۇلكىنىڭ سۇلياۋدىن ياسالغانلىرىمۇ، ئەينەكتىن ياسالغانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەينەكتىن ياسالغىنى ئەڭ ياخشى، بىراق ئېغىرراق؛ سۇلياۋدىن ياسالغانلىرى يېنىك بولۇپ، سۈپەتلىكلىرىنى قايناق سۇدا دېزىنفېكسىيە قىلىشقا بولىدۇ، غەيرىي پۇرىقىمۇ بولمايدۇ. ئېمىزگە ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان بولۇشى لازىم. ئېمىزگىنىڭ سىلتسىي يىلىمىدىن ياسالغانلىرىمۇ، كاۋچۇكتىن ياسالغانلىرى (سېرىق رەڭلىك) مۇ بار، ئالدىنقىسى چىداملىقراق، كېيىنكىسى يۇمشاق بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ماس كېلىدۇ. تاللىغاندا يەنە ئېمىزگە تۆشۈكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. 
يېمەكلىك ــــــ سۈت پاراشوكى، شېكەر. تۇغۇتتىن كېيىن دەماللىققا سۈت كەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ چاغدا بوۋاققا ماس كېلىدىغان سۈت پاراشوكى ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا شېكەر سۈيى بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بىراق بەزى بوۋاقلارغا ئالدىن مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر سۈيى بېرىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. 
باشقىلار ــــ تىرناق ئالغۇچ، پەلكۈچ، تېرمومېتىر. بوۋاقنىڭ ئۆز تېرىسىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىخەتەر تىرناق ئالغۇچ بىلەن بوۋاقنىڭ تىرنىقىنى ئېلىپ تۇرۇش، زىيادە چوڭقۇر ئېلىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. 
ئويۇنچۇق ـــــ ئوچۇق رەڭلىك، ھەرىكەتلىنەلەيدىغان، ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئويۇنچۇقلار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى