ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇت مەزگىلىدىكى تازىلىق ئۇسۇلى

تۇغۇت مەزگىلىدىكى تازىلىق ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 659 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باش تېرىسنى پاكىزلاش ئۇسۇلى
دورىلىغان ئىسپىرتنى سۇسىزلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياغسىزلاندۇرۇلغان پاختىنى چىلاپ، چاچنى ئايرىپ، ئالدى-كەينى، ئوڭ-سولدىكى باش تېرىسىگە سۈركەپ بىردەمدىن كېيىن كەينى قىسمىنى ئۇۋىلاپ، ئاندىن قالدۇقلارنى تاغاق بىلەن تاراپ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك. ئانا بولغۇچىلار ھەر كۈنى چۈشتە بىر قېتىم سۈرتسە بولىدۇ. ئاندىن يۇمشاق تاغاق بىلەن چاچنى تارىسا، باش قىسىمدىكى قان-تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇپ مېڭىنى سەگەك ھالەتتە ساقلايدۇ.
 ئاۋۋال سۈرتۈش ئاندىن يۇيۇنۇش
تۇغۇتتىن كېيىن بەدىنىنى پاكىزلاش قاننى جانلاندۇرۇپ خىلىتنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ياخشىلاپ، يېڭى ئانا بولغۇچىنىڭ تۇغقاندىكى ھاردۇقىنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىپ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلايدۇ. بىراق، بەزى ئانىلارنىڭ تېنى بىر قەدەر ئاجىز، يەنە بەزىلىرىنىڭ يارا ئېغىزى چوڭ، ئېغىر دەرىجىدە يىرتىلغان ياكى قورساق قىسمىدا پىچاق ئىزى بار، بۇنداق ئەھۋالدا ئاۋۋال سۈرتسىلا بولىدۇ. يارا ساقايغاندا ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك. 
 سۈرتۈپ يۇيۇنۇش ئۇسۇلى
 قايناق سۇغا 10 مىللىلېتىر دورىلىغان ئىسپىرت ھەمدە 10g تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يۇيۇنۇش سويۇقلۇقى تەييارلىنىدۇ، ھۆل لۆڭگىنى چىلاپ سىقىپ ئاستا-ئاستا ئانىنىڭ قورسىقىنى ھەمدە تەر كۆپ چىققان يەرنى سۈرتىدۇ. ياز كۈنلىرى ئەتىگەن، كەچ، چۈشتە بىر قېتىمدىن سۈرتىدۇ، ھاۋا سالقىنراق ۋاقىتتا چۈشتە بىر قېتىم سۈرتسىلا بولىدۇ. ئانا بولغۇچىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاساسەن ئەسلىگە كەلگەندە يۇيۇنۇشنى باشلىسا بولىدۇ.    قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاچ قورساق يۇيۇنماسلىق كېرەك. پۈتۈن بەدەن قان تومۇرلىرىنىڭ زىيادە قان تولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا باش قىسمىغا قان يېتىشمەي باش قايىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇنچىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم، شامال ئۆتۈشتىن قورقۇپ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى كېرەك.
تۇغۇتلۇق ئايالغا ئەسكەرتىش:
1. چىللە خۇنىنىڭ چىقىرىلىپ تاشلىنىشى ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش، بۇندىن كېيىنكى ھەيزنىڭ نورمال بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇغقان ئايال يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35℃~37℃ ئەتراپىدا بولۇشى، ھەتتا يازدىمۇ سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق لازىم. 
2. تۇغۇتلۇق ئايال ۋاننىدا يۇيۇنۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك، ئادەتتە بەش-ئون مىنۇت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى