ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمە ئۈچۈن قورساقنى يېرىپ بالا ئالغاندا چىللە خۇنى ئاز بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قورساقنى يېرىپ بالا ئالغاندا چىللە خۇنى ئاز بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-09-27 ئاۋاتلىقى: 813 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولغاندا بالا ھەمراھى 20×20 سانتىمېتىر كېلىدىغان پىسا (پىسا قاتلىمىسى)غا ئوخشاش بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، بالا تۇغۇلۇپ تەخمىنەن5 مىنۇتتىن كېيىن بالا ھەمرىيىمۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن ئاجرايدۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ئۆزى تۇغقان ئاياللاردا، بالا تۇغۇلۇپ، بالا ھەمرىيى ئاجرىغاندىن كېيىن جىنسىي يول، بالىياتقۇ بوينىدىن ئېقىپ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىپ، قېپقالغان بالىياتقۇ ھەمراھى توقۇلمىلىرى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قاسراقچىلىرىدىن ئۆزگەرگەن توقۇلمىلارنى تازىلايدۇ، قورساقنى يېرىپ بالا ئالغاندا دوختۇر، بالا تۇغۇلۇپ بالا ھەمرىيى ئاجرالغاندىن كېيىن، داكا بىلەن قېپقالغان بالىياتقۇ ھەمرىيى توقۇلمىلىرى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە توقۇلمىلارنى تازىلايدۇ، شۇڭا قورساقنى يېرىپ بالا ئالغاندا چىقىدىغان چىللە خۇنى ئۆزى تۇغقانغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، چىللە خۇنى بولسا تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناشتۇر. تەخمىنەن10-7 كۈنگىچە ئېقىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، بىر قىسىم بالا ھەمراھى قالدۇقلىرى بولۇشى مۇمكىن ياكى ياكى بالىياتقۇنىڭ  تارىيىشى ياخشى بولمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش لازىم. بىراق، بىيو-خىمىيەلىك قايناق سۇنى ئىشلىتىدىغان  تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ چىللە خۇنى كۆرۈلۈش  ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى