ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 625 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تۇغۇتتىن كېيىنكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش زىيادە ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تۇغۇتتىن  كېيىن، ئاياللار سۈت كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم، مېۋە – چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش چىقىمنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ،  بۇنداق ئوزۇقلىنىش سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.
ئوزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ كەتسە سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك بەدەندە شېكەر ۋە ياغ مېتابولىزمىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، ھەر خىل كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلەردە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەردىن ئۈچ – تۆت ھەسسە، قەنت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بەش ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.
تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇقى زىيادە مول بولسا، سۈتىدىكى ياغنىڭ مىقدارى ئېشىپ، بوۋاقلارنىڭ ئاسانلا سەمرىپ كېتىشىنى، يىسىتاپان(تۆگىتاپان) قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولسا، ياغلىق ئىچ سۈرۈش، ئوزاق مۇددەتلىك سوزۇلما ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تۇغۇتتىن كېيىن يېمەكلىكنى دەرھال چەكلىمەسلىك كېرەك. ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئايال تۇغۇتتىن بۇرۇنقى زىلۋا ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال يېمەكلىكنى چەكلەيدۇ. بۇنداق قىلىش زىيانلىق. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يېمەكلىكنى چەكلىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ئوزۇقلىنىش پرىنسىپى بويىچە ئانا ۋە بوۋاقنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، تۇغۇتتىن كېيىن ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتىش كېرەك. تاماق تاللىماسلىق، توخۇ، ئۆردەك گۆشى، بېلىق، قوي، كالا گۆشى، تۇخۇملارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش، سۈت، كۆكتات، مېۋىلەرنى، ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، تاتلىق يېمەكلىكلەر، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، سېمىز گۆش، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز يېيىش كېرەك.
3. تۇغۇتلۇق ئاياللار قاراشېكەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ئېلىمىزدە ئاياللارغا تۇغۇتتىن كېيىن قاراشېكەر يېگۈزىدىغان ئادەت بار. ئاياللار تۇغۇتتا ئەقلى، جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق چارچايدۇ، زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە تۆمۈر ماددىسى بولمىسا بولمايدۇ. قارا شېكەر ھەم قان تولۇقلايدۇ، ھەم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما بەزى تۇغۇتلۇق ئاياللار قاراشېكەرنى ئۇزاق ۋاقىت ھەتتا بىرەر ئايغىچە ئىستېمال قىلىدۇ. قاراشېكەر ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. تۇغۇپ ئون كۈندىن كېيىن لىپاس خۇنى تەدرىجىي ئازىيىپ، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىمۇ نورماللىشىشقا باشلايدۇ. ئەگەر قاراشېكەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلغاندا قاراشېكەرنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى لىپاس خۇنىنى كۆپەيتىۋېتىپ، تۇغۇتتىن كېيىن داۋاملىق قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن قاراشېكەرنى ھەپتە – ئون كۈن ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق.
4. تۇغۇتتىن كېيىن تۇخۇمنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.ئاياللارغا قىرىقى ئىچىدە كۆپرەك تۇخۇم يېگۈزىدىغان ئادەت بار، بىراق تۇخۇمنى زىيادە ئىستېمال قىلىشمۇ زىيانلىق. تۇغۇپ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، ئەڭ ياخشىسى، تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى تۇغۇتتا جىسمانىي كۈچ كۆپ خوراپ، تەر كۆپ چىقىپ كەتكەچكە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن دەرھال تۇخۇم يېسە، ھەزىم بولماي ئاشقازان  – ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا سۇيۇق ياكى يېرىم سۇيۇق تاماقلارنى يېيىش مۇۋاپىق. چىللە مەزگىلىدە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ئۆلچىمى ھەر كۈنى ئاقسىل 100 گرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. 
5. تۇغۇتتىن كېيىن ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئاچچىق يېمەكلىكلەر تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىز، تىللىرىدا جاراھەت پەيدا قىلىدۇ. چوڭ تەرەتنى قاتۇرىدۇ ياكى گىموروي (بۇۋاسىر) قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئانا بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق سۈت ئارقىلىق بوۋاققا تەسىر قىلىپ، بوۋاقنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن بەش ~ ئالتە كۈن ئىچىدە سۇيۇق – سەلەڭ تاماقلارنى يەنى شوۋىگۈرۈچ، شويلا، سۇيقاش قاتارلىقلارنى ئىچىشى، بەك ياغلىق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك، بولۇپمۇ سامساق، مۇچ، قارامۇچ، زىرە، كۈدە قاتارلىقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. خام، سۇغۇق، قاتتىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ ئاشقازان، تالنى ئاسرىشى ۋە چىشنىڭ بوشاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
6. قېرى مېكىيان گۆشى شورپىسى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئادەتتە، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا چوڭ مېكىيان گۆشى شورپىسىنى قۇۋۋەتلىك، دەپ ئىچكۈزۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى چۈجە خورازغا يەتمەيدۇ. چۈجە خورازنىڭ گۆشىدە ئاقسىل مىقدارى چوڭ مېكىيان گۆشىگە قارىغاندا كۆپ، گۆشى يۇمران، يۇمشاق، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئۇ تۇغۇتتىن كېيىن بەدىنى ئاجىز ئاياللارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى