ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ

ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ

ۋاقتى: 2016-06-04 ئاۋاتلىقى: 653 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرغۇن ياش ئانىلار بالىنى ھەر نۆۋەتلىك ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە ، بالا ئېمىتكەندە ئېمىتىش ۋاقتىنى يا قىسقا ، يا ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ. ئەگەر ئېمىتىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا بالىنىڭ قورسىقى تويماي، ياتقۇزۇپ بولغىچىلا يىغلاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزىراپ كەتسە بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى بولۇپ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ:
بالىنىڭ بىر قېتىملىق ئەمگەن سۈتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، بالا ئانىنى ئېمىشكە باشلىغان ۋاقتىدا ئانا سۈتىنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ماي مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ. ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ماي مىقدارى يۇقىرىلاپ، ئاقسىل مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ئېمىش ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتسە بالىنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ماي مىقدارىمۇ كۆپ بولۇپ، بالىدا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر سۈتنى ئېمىپ بولۇپ، قۇرۇق شوراپ سالسا ھاۋانى سۈمۈرىۋالىدۇ-دە، بالا قۇسۇۋېتىدۇ.
ئۇنداقتا ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ؟ ئادەتتە ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. دەسلەپكى ئىككى مىنۇتتا بالا سۈتنىڭ 50 پىرسەنتىنى قوبۇل قىلالايدۇ، كېيىنكى تۆت مىنۇتتا 80-90 پىرسەنتىنى قوبۇل قىلالايدۇ. يەنە بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بولسا ئاساسەن قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئېمىتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش ئانچە توغرا بولماي قالىدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالا ئېمىتىش ۋاقتى تۆت مىنۇت بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ. لېكىن كېيىنكى بەش مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇقچە دەپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىت سۈت كەلتۈرىدىغان ھورمۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئانا-بالىلىق مېھىرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى