ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش

خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش

ۋاقتى: 2015-07-21 ئاۋاتلىقى: 741 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى مېھمان-پەرزەنتنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلىنىڭلا خۇشاللىقى بولۇپلا قالماي، بىر جەمەتنىڭ، شۇنداقلا بىر يۇرتنىڭمۇ خۇشاللىقى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى ھايات سېپىنى تولۇقلايدۇ، ئائىلىگە ئىزباسار بولىدۇ، بىر جەمئىيەتكە ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇلىدۇ. خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بوۋاق تۇغۇلغاندا خوش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە مۇبارەكلەش. ئەگەر بىرىنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان كىشى ھامان ئۇ كىشىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشگە ئالدىرايدۇ. بۇ، ئۇ كىشىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ كىشى بىلەن، شۇنداقلا ئائىلىلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق. ئەگەر كېيىن خەۋەر تىپىپ قالسا ئەر-ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ. بوۋاققا ئاللادىن ئۇزۇن ئۆمۈر، ئنىساپ-تەۋپىق، بەخت-سائادەت تىلەپ خۇشاللىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ تېپىلغۇسىز خۇشاللىق ئىش يۈز بەرگەن ھامان يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلارغا، يۇرت ئىچىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئىشنى شۇ ئائىلىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئورۇنلايدۇ. «خۇش خەۋەر! خۇش خەۋەر! بوۋا (موما)، مېنىڭ بىر ئوماق ئىنىم (سىڭلىم) بار بولدى!...» دەپ ئۆيمۇ ئۆي خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇققانلارنىڭ بۇرۇنلا ئىدىيەسىدە تەييارلىقى بولغاچقا، «تۇغۇلغان بۇ يېڭى جانغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن!...» دەپ دۇئا قىلىدۇ، ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بالىغا سۆيۈنچە بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى يىراق-يېقىنغا ئەنە شۇنداق جاكار قىلىنىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى