ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باش سۈيى بەك كۆپ بولۇپ كېتىشنىڭ خەتىرى

باش سۈيى بەك كۆپ بولۇپ كېتىشنىڭ خەتىرى

ۋاقتى: 2015-12-31 ئاۋاتلىقى: 589 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باش سۈيى- باش سۈيى پەردىسى ئارقىلىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ باش سۈيى پەردىسى بوشلۇقىغا سىڭىپ كىرگەن قان زەردابى ۋە ھامىلىنىڭ سۈيدۈكىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇ ھامىلىنى بېسىلىشتىن، قىسىلىشتىن ساقلايدۇ، ھامىلە تېنىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ مۇقىم تېمپېراتۇرىسى، مۇقىم بېسىمىنى ساقلايدۇ. نورمال باش سۈيى تەخمىنەن 1 كىلوگرام بولىدۇ. باش سۈيى زىيادە كۆپلۈك باش سۈيىنىڭ 2 كىلوگرامدىن ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. باش سۈيىنىڭ نەچچە كۈندىلا نورمال مىقداردىن ئېشىپ كېتىشى جىددىي خاراكتېرلىك باش سۈيى كۆپىيىپ كېتىش دەپ ئاتىلىدۇ؛ باش سۈيىنىڭ ئاستا-ئاستا كۆپىيىپ نورمال مىقداردىن ئېشىپ كېتىشى ئاستا خاراكتېرلىك باش سۈيى كۆپىيىپ كېتىش دەپ ئاتىلىدۇ. باش سۈيى بەك كۆپ بولۇش تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. جىددىي خاراكتېرلىك باش سۈيى كۆپىيىپ كېتىشتە ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى تېز سۈرئەتتە يۇغىناپ كېتىدۇ-دە، قورسىقى ئاغرىش، قورسىقى كۆپۈپ بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. باش سۈيى يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارنى باسقاندا يۈرىكى ئېغىش، نەپىسى قىسىلىش، تۈز ياتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلار كۆرۈلىدۇ. تۆۋەنكى قىسىم ۋېنا تومۇرلىرىنى باسقاندا، ئاياغ قىسمى، تاشقى جىنسىي ئەزاسى ئىششىپ كېتىش، قورساققا سۇ يىغىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاستا خاراكتېرلىك باش سۈيى كۆپىيىپ كېتىشتە باش سۈيى مىقدارى تەدرىجىي كۆپىيىۋاتقان بولغاچقا، ماسلىشىپ كەتكىلى بولىدۇ، ئالامەتلىرى يېنىك بولىدۇ.
2. قورساق زىيادە يۇغىناپ كەتكەچكە، بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىز بولىدۇ-دە، تۇغۇت قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.
3. ھامىلە زىيادە كۆپ باش سۈيى ئىچىدە ھەرىكەت قىلغاچقا ھامىلە ئورنى مۇقىم بولمايدۇ.
4. بالىياتقۇ بەك يۇغىناپ كەتكەچكە ياكى باش سۈيىنىڭ بېسىمى تەكشى بولمىغاچقا، ھامىلە پەردىسى بالدۇر يېرىلىپ كېتىدۇ، بوۋاق ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
5. باش سۈيى جىددىي ئېقىپ كېتىپ، بالا ھەمرىيى بالدۇر ئاجراپ كېتىش، كىندىك ساڭگىلاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
6. بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، ئاسانلا تۇغۇتتىن كېيىن قان كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
7. ھامىلە غەيرىلىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى