ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئورۇقلاشتىكى خاتا تەدبىرلەر

ئورۇقلاشتىكى خاتا تەدبىرلەر

ۋاقتى: 2016-02-26 ئاۋاتلىقى: 623 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىك. ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، سالامەتلىكنى كاردىن چىقىرىپلا قالماي، ئەكسىچە بەزى ئاياللارنى تېخىمۇ سەمرىتىۋېتىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ چۈشتىن ئىلگىرىكى خىزمەت مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇنقى يېرىم كۈنلۈك پائالىيەتكە كېرەكلىك ئېنېرگىيەنى بىر كۈن ئىلگىرىكى كەچلىك تاماق تەمىنلەيدۇ. ئېنىقكى، بۇ بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە، بەدەندىكى قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ، باش قېيىپ، چۈش بولغۇچە قورساق چىدىغۇسىز ئېچىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك تاماق كۆپ يېيىلىدۇ-دە، بۇنىڭدىن كەلگەن ئارتۇقچە ئىسسىقلىق ئاسانلا مايغا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ. 
شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى تاماقنىڭ ئىسسىىقلىق مىقدارىنى كونتىرول قىلىش، ئۈچ ۋاق تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بەك تويۇپ تاماق يېمەسلىك ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى  يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. 
2. تاماقنى ئاز، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېيىش. كۆپىنچە كىشىلەر مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. چۈنكى، ئادەملەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىسسىقلىقنى ئاساسلىقى شېكەر تەمىنلەيدۇ. مېۋە-چېۋىدە سۇ، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار بولغاندىن باشقا يەنە شېكەر ماددىسى بار. سەمىرىشنىڭ سەۋەبىمۇ شېكەر ماددىسى كۆپ يېمەكلىكلەرنى جىق ئىستېمال قىلغانلىقتىن بولىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت مېۋە-چېۋىنى كۆپ، تاماقنى ئاز يېگەندە ھەر كۈنى قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى بەدەن ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ-دە، ئارتۇق ئىسسىقلىق مايغا ئايلىنىپ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ. 
3. ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىچىش، دورىغا تايىنىپ ئورۇقلاش ئاقىلانىلىك ئەمەس. چۈنكى، بەزى ئورۇقلىتىش دورىلىرىدا سۈرگە دورىسى، روھلاندۇرۇش دورىسى ياكى بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار بولىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن تېرە قۇرغاقلىشىپ، ئىچى سۈرۈپ، كەيپىيات ناچارلىشىدۇ، ئۇيقۇ قاچىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشى ئورۇقلاش ئۇسۇلى، كۆپ ھەرىكەت قىلىش ۋە نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتۇر. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى