ئورۇق ئاياللارنىڭ قىرقى تائاملىرى رىسالى-كۇلى بېھسى قۇۋرۇغا شورپىسى
ۋاقتى: 2016-07-28
ئاۋاتلىقى: 744 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۇلى بېھىسى قوۋۇرغا شورپىسى:
ئېتىش ئۇسۇلى :
1. قوۋۇرغا پارچىسىنى كىچىك-كىچىك پارچىلىۋېلىپ، قايناق سۇغا سېلىپ بىردەم تۇرغۇزىمىز.
2. كۇلى بېھىسىنىمۇ كىچىك-كىچىك توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
3. سۇ قاينىغاندىن كېيىن، قوۋۇرغا پارچىلىرىنى، بېھى پارچىلىرىنى، يۇمران زەنجىۋىل، تۇز قاتارلىقلارنى سېلىپ ،يۇقىرى ئوتتا سۇنى قايناتقاندىن كېيىن سۇس ئوتتا 25 مىنۇت تۇرغۇزىمىز. ئۈستىگە پىياز سېپىۋېتىپ ئۇسساقلا بولىدۇ.
ئەسلى ماتېرىيالى: قوۋۇرغا 350 گرام، يېڭى كۇلى بېھىسى 300 گرام
خۇرۇچلار: تۇز، يۇمران زەنجىۋىل، پىياز؛
ئالاھىدىلىكى: يېڭى كۇلى بېھىسى بولسا بىرخىل يۇقىرى تالالىق يېمەكلىك بولۇپ، ھەم سۈت ئاجرىلىپ چىقىرىشنى تېزلىتىدۇ، ھەم قوۋۇرغا سۆڭىكى تەركىبىدە كالىتسىي، تۆمۈر، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ،بۇ ھەقىقەتەن تۇغۇتتىن كېيىنكىلەرگە كۆپ پايدىلىق تائام ھېسابلىنىدۇ.
Tags: