ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇغۇتتىن كېيىنكى قىرقى كېسەللىكلىرى

تۇغۇتتىن كېيىنكى قىرقى كېسەللىكلىرى

ۋاقتى: 2015-12-20 ئاۋاتلىقى: 499 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرغۇن ئانىلار قىرقى مەزگىلىدە ياخشى كۈتۈنمىگەنلىكتىن، ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، قىرقى كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولۇپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە سالامەتلىكىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى قىرقى مەزگىلىدىكى كېسەللىكلەردىن قايسىلىرى بار ؟

1. چىللە قىزىتمىسى
ئەگەر يېڭى ئانا بولغۇچىلار تۇغۇتتىن كېيىن قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئادەتتە تۇغۇتتىن 24 سائەت كېيىن ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى 10 كۈن ئەتراپىدا كۆرۈلسە بۇ چىللە قىزىتمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. چىللە قىزىتمىسىدىكى يۇقۇملىنىش ئېغىر بولسا يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىمۇ مۇمكىن.
2.بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش
بىر قىسىم ئانىلار تۇغۇتتىن كېيىن، تۆۋەنكى قورساق قىسمىنىڭ ۋە بەل قىسمىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ بالىياتقۇدىكى پەي ۋە مۇسكۇللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بوشاشقانلىقىدىن، بالىياتقۇنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بالىياتقۇ جىنسىي يولنى بويلاپ تۆۋەنگە يۆتكەلگەنلىكتىن، بالىياتقۇنىڭ چىقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش
بىر قىسىم ئانىلار تۇغۇتتىن كېيىن يارا ئېغىزىنىڭ ئاغرىشىدىن ئەنسىرەپ سىيەلمەيدۇ، ياكى تۇغۇت جەريانى بەك ئۇزىراپ كېتىپ بالياتقۇنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ تۇرغانلىقتىن، تۇغۇتتىن كېيىن سىيىش كۈچسىز بولىدۇ، بالىياتقۇ چىڭقىلىپ، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش دېيىلىدۇ.
4. بەل ئاغرىش
يېڭى ئانا بولغۇچىلارنىڭ داس سۆڭىكىدىكى پەيلەر بالا يېڭى تۇغۇلغان چاغلاردا تېخى بوشاشمايدۇ، قورساق قىسىمدىكى مۇسكۇللارمۇ يۇمشاق، كۈچسىز ھالەتتە بولىدۇ، بالىياتقۇ يەنىلا ئەسلى ئورنىغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ، ئەگەر بۇ مەزگىلدە دىققەت قىلمىسا، يەنى تۇيۇقسىز ئېگىلىپ يەردىن بىر نەرسە ئالسىمۇ، ئۇزۇنراق زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالسىمۇ، بۇ ئانىلار بەل قىسمىنىڭ تېلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
5. سۈت بېزى ياللۇغى
تۇغۇتتىن 4~1 ھەپتە كېيىنكى ۋاقىتلار سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلى بولۇپ، سۈت نورمال ئېقىپ چىقالمىغانلىقتىن، سۈتلەر يىغىلىپ قېلىپ، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى ئانىلاردا كۆكسى ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.




 


Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى